دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى مۇنداق ئېلان قىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلىتىمىزنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم دېلولارنى پاش قىلىپ، دۆلەتنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا تۆھپە قوشتى. مەسىلەن، چېگرا سىرتىدىكى مەلۇم تەتقىقات ئاپپاراتى جانلىقلار تۈرى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش نامى بىلەن، دۆلىتىمىزدە پىدائىي قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇلارنى دۆلىتىمىزدىكى جانلىقلار تۈرىنىڭ تارقىلىش سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز توپلاشقا قىزىقتۇرغان؛ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئاپپاراتنىڭ خادىملىرى قاتناشقان پىدائىيلاردىن مەخسۇس يان تېلېفون يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ، توپلىغان سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت چېگرا سىرتىغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزدىكى جانلىقلار تۈرىنىڭ تارقىلىش سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان جانلىقلار بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى ئۈنۈملۈك توستى.