يەتتە جەمئىيەت بىرلىشىپ تەشەببۇس قىلىپ، تاۋارلارنى زىيادە ئوراپ قاچىلاشقا قارشى تۇردى

2025.06.12 14:59 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 11 -كۈنى، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى جۇڭگو ئوراش-قاچىلاش بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئايلانما ئىقتىساد جەمئىيىتى، جۇڭگو يېمەكلىك سانائىتى جەمئىيىتى، جۇڭگو تېز يەتكۈزۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو ھاراقچىلىق جەمئىيىتى، جۇڭگو خۇش پۇراق ماتېرىياللار-مۇئەتتەر-گىرىم بۇيۇملىرى سانائەت جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە، تاۋارلارنى زىيادە ئوراپ قاچىلاشقا قارشى تۇرۇپ، يېشىل، مەدەنىي ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۈتۈن جەمئىيەتكە تەشەببۇس قىلدى.

جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى مۇنداق كۆرسەتتى: بىر قىسىم سودىگەرلەر ئاتالمىش «يۇقىرى دەرىجىلىك»، «ھەشەمەتلىك» بازار ئورنىنى قوغلىشىش ئۈچۈن، ئوراش-قاچىلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، قاتلاممۇقاتلام قاپ سېلىش، بوشلۇقنى تولدۇرۇش، قىممەتلىك مېتال بىلەن بېزەش قاتارلىق ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈۋاتىدۇ، بۇ بايلىق ئىسراپچىلىقى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ئىستېمالنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ بۇرمىلاپ، ھەشەمەتچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ