بىر نەچچە شەھەردە ئىشلەپ باققانلار ئەڭ ئاخىرىدا ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى قەيەردىن ئېلىشى كېرەك؟

2025.06.12 14:58 مەنبە: خەلق تورى

ئۆلكە ھالقىپ كۆچمە ئىشقا ئورۇنلاشقاندا، قەيەردە پېنسىيەگە چىقىش ۋە قەيەردە پېنسىيە تەمىناتىنى ئېلىش، ئاساسلىقى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئىلتىماس ئالغاندا، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۆلكىدە بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۆلكىدە بولسا، مەيلى سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىردەك نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۆلكىدىن پېنسىيەگە چىقىدۇ. ئەگەر، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۆلكىدە بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ مەزگىللىك مۇناسىۋىتى 10 يىلغا توشقان، ئەڭ ئاخىرىدا ھەق تاپشۇرغىنىغا 10 يىل توشقان ھەمدە ۋاقىتلىق ھېسابات نومۇرى بولمىغان ئۆلكە تەمىنات ئالىدىغان جاي بولىدۇ (ۋاقىتلىق ھېسابات نومۇرى ئەرلەر 50 ياشقا توشقان، ئاياللار 40 ياشقا توشقان، ھەمدە نوپۇسى تۇرۇشلۇق بولمىغان جايدا تۇنجى قېتىم سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ئېچىلغان ھېسابات نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ).

ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۆلكىدە بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغۇرتىغا قاتناشقان ھەربىر جايدا ھەق تاپشۇرغىنىغا ئون يىل توشمىغان بولسا، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۆلكىدە كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ.

ئۆلكە ئىچىدە ۋىلايەت، شەھەر ھالقىپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندا، قەيەردە پېنسىيەگە چىقىدۇ دېگەندە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى ئېلىش ئاساسلىقى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى ياكى 12333 مەسلىھەت سوراش تېلېفونىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ