يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن جايدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى كېڭىيىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى، «ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قانداق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن بۇ ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە توغرىسىدا، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇڭ نەنشەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
جۇڭ نەنشەن مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى 5-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسىدە (يەنى 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك مىسالىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مۇسبەت بولۇش نىسبىتىنىڭ %22.8 ئىكەنلىكىنى، ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ بەشتىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ نۆۋەتتە يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك بولسىمۇ، كېسەل پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى خېلىلا ئاجىزلاپ، تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش بولۇپ قالدى. بەزى كېسەللەرگە ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلى بار بولغان ئەھۋالدا ئېنىق دىياگنوز قويۇپ، قاراتمىلىق داۋالاش كېرەك. دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن، ياشانغانلار ياكى ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلى بار بىمارلارنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا خۇددى تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، ھودۇقماسلىق كېرەك.