جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىش مېخانىزمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنى ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى

2025.06.12 14:56 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىشىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئەلچىسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئەلچىسى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بېسسېنت ۋە سودا مىنىستىرى لۇتنىك، سودا ۋەكىلى گىرىل بىلەن ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا كېڭىشىش مېخانىزمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ سەمىمىي، چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىقتىساد-سودا قارالمىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېفونلاشقاندىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە جەنۋە ئىقتىساد-سودا سۆھبىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش تەدبىر رامكىسىدا پىرىنسىپ جەھەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىقتىساد-سودا جەھەتتىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ