ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو | قاراڭ! شەرقىي شىمالدىكى كىچىك شەھەرنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشى كىشىنى شۇنچىلىك مەپتۇن قىلىدۇ

خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» جىلىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش زىيارەت ئۆمىكى

2025.06.12 14:47 مەنبە: خەلق تورى

كەچ ئاسمىنى كۆك رەڭگە كىرگەندە، رەڭگارەڭ چىراغلار شەرقىي شىمالدىكى بىر كىچىك شەھەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىقى ۋە رەڭدارلىقىنى ئويغىتىدۇ.

تۇڭخۇا شەھىرى لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرى. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى

تۇڭخۇا شەھىرى، «جۇڭگو قار تېيىلىش ماكانى» دەپ نام ئالغان بۇ شەھەر قىش پەسىللىك قار-مۇز ساياھىتىدىكى ئاۋات جاي بولۇپلا قالماي، يەنە يازدا سالقىنلاپ ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي. باش يازدىكى لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىدا سەيلە قىلغاندا، سالقىن، رومانتىك كەچ شامىلىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە كېچە مەنزىرىسىدىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگىلى بولىدۇ!

ساياھەتچىلەر لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىدا سەيلە قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى

بىر كىشىلىك ئۆزگىچە يېمەكلىك بۇيرۇتۇش، بىر ئىستاكان ئادەمگىياھ ئەتكەنچاي ئىچىش، بىر مەيدان ئۈستى ئوچۇق مۇزىكا دىسكىسى ئويناش، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن يېڭى ئېقىمنىڭ تاسادىپىي ئۇچرىشىش سەپىرىنى بىر قېتىم باشتىن كەچۈرۈش...بۇنداق ئىستىراھەت مەنزىرىسى شۇ جايدىكى نۇرغۇن پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئايلاندى.

ساياھەتچىلەر لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىدا سەيلە قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى

«كېلىڭلار ئۇكام، ئىككى زىخ لولىگو بېلىق كاۋىپى قويۇپ بېرەيمۇ؟ بەك پەيزى» مۇقىم باھالىق يېمەكلىكلەر ۋە يايمىچىلارنىڭ قىزىقارلىق توۋلىغان ئاۋازى بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئۆزگىچە خاس يېقىنلىق ۋە يۇمۇرىستىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن 100 خىلدىن ئارتۇق ئالاھىدە يېمەكلىك بۇ يەرگە يىغىلىپ، ھاۋانى كىشىنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرىدىغان مەززىلىك پۇراق بىر ئالغانىدى، بۇ يەر تۇڭخۇالىقلارنىڭ «كېچە ئاشخانا»سىغا، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر جەزمەن بارىدىغان جايغا ئايلانغانىدى.

كېچىدىكى لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى

ساياھەتچىلەر لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىدا سەيلە قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە زىيارەت جەريانىدا، مۇخبىرلار بۇ جايدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كېچە ئىقتىسادىنىڭ كېچىلىك تاماق يېيىشتىن ئىبارەت يەككە ئۇقۇم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تەرەققىي قىلىپ مال سېتىۋېلىش، يېمەك ـ ئىچمەك، مەدەنىيەت، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى يۇغۇرۇلغان ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە ئايلانغانلىقىنى بايقىدى.

ساياھەتچىلەر كىچىك بازاردىكى سەھنە ئالدىدا ئويۇندىن ھۇزۇرلانماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى

ساياھەتچىلەر لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت كىچىك بازىرىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى

تۇتاش كەتكەن سودا كوچىسىدىكى ئىسكىرىپكا نومۇرىدىن تارتىپ خاس يەرلىك ئۇسلۇبقا ئىگە ئۇسسۇل نومۇرلىرىغىچە، ئاساسىي شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى گۈلخان كېچىلىكىگىچە، ئاندىن شىچۈ سەھنىسىدىكى كىلاسسىك ئەلنەغمىلەرگىچە...مەدەنىيەت-ساياھەت كىچىك بازىرىنىڭ كېچىدىكى يېڭى مەنزىرىلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، تەدرىجىي ھالدا سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ يۈزلەندى.

ساياھەتچىلەر لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىدا ئويۇندىن ھۇزۇرلانماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى

شەھەر ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېچە ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىش دەرىجىسىنى شەھەر ئىقتىسادىنىڭ ئېچىۋېتىش دەرىجىسى، قولايلىق دەرىجىسى ۋە جانلىنىش دەرىجىسىنىڭ بارومېتىرى دېيىشكە بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇڭخۇا شەھىرى يەرلىك مەدەنىيەت ئاساسىنى قېزىش ئارقىلىق، يەرلىك خاسلىققا ئىگە ئىستېمال توپلاشقان رايون قۇرۇپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى كېچىلىك ئىستېمال نۇقتىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىنچىكە باشقۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، كېچىلىك ئىستېمال ئىستىراھەت مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى سىجىل جانلاندۇرۇشقا كۈچ قوشتى.

كىچىك دوستلار لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىدا ئوينىماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى

ئەلا كەسىپ ھالىتى چوڭ ساياھەتچىلەر ئېقىمىنى كۈتۈۋالدى. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تۇڭخۇا شەھىرى لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت كىچىك بازىرى جەمئىي 75 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

كېچىدىكى لۇڭشىڭلى مەدەنىيەت-ساياھەت كىچىك بازىرىنىڭ كېچە مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. خەلق تورى مۇخبىرى لى ياڭ فوتوسى

شەرقىي شىمالدىكى كىچىك شەھەر تۇڭخۇا شەھىرىنىڭ كېچىسى كىشىنى شۇ قەدەر مەپتۇن قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ