ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار سانى %40كە يېقىن ئاشتى

2025.06.11 14:14 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، شىنجاڭ بويىچە چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار سانى 1 مىليون 398 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرادىن چىققانلار 707 مىڭ ئادەم قېتىم، چېگرادىن كىرگەنلەر 691 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %39.3، %39.5 ئاشقان.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار سانى ئىچىدە، يولۇچىلار سانى 768 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.9 ئاشقان، چەت ئەللىكلەر 705 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.4 ئاشقان. جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگەن - چىققانلار سانى سانلىق مەلۇماتى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 3 مىليون 865 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %87.4 ئاشقان.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن قاتناش - تىرانسىپورت قورالى جەمئىي 590 مىڭ ئاپتوموبىل\پويىز\ئايروپىلان قېتىم (ئاپتوموبىل 568 مىڭ قېتىم، پويىز 17 مىڭ قېتىم، ئايروپىلان 4890 قېتىم) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرادىن كىرگەن - چىققان يۈك پويىزىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مىقدارى مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول پورتلىرىنىڭ %42ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇرغان، يەككە كۈندە تەكشۈرۈلۈپ چېگرادىن كىرگەن - چىققان پويىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 136 قېتىم بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 1 -، 2 - ئورۇندا تۇرغان.

ئالدىنقى بەش ئايدا شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن چېگرادىن كىرگەن - چىققانلار سانى %40كە يېقىن ئاشتى

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ