«بۇ مەزگىلدە بىرەر خوگۇي تاپماقمۇ تەس.» مېۋىلەر بازارغا كىرىدىغان ئاۋات مەزگىلدە، تانالىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يۈننەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ دېخۇەن ئۇدا نەچچە كۈن يېرىم كېچىگىچە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ قولىدا جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا مال توشۇيدىغان 100دىن ئارتۇق سوغۇق زەنجىرسىمان خوگۇي بار بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا يېتىشمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتى. جاڭ دېخۇەننىڭ سودىسى كۇنمىڭنى تۈگۈن قىلغان بولۇپ، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتتىن مال كىرگۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلىرىغا تارقىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «سوغۇق زەنجىرلىك مەخسۇس پويىز ئارقىلىق، تايلاندنىڭ ليۇليەنلىرى ئۈچ كۈندە كۇنمىڭغا، لائوسنىڭ شاڭجياۋلىرى يەتتە كۈندە بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ.»
بۇ يىل 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:«يۈننەننىڭ ئورۇن شارائىتى ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە پائال قاتنىشىپ، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن تەسىر كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇشى كېرەك.»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يۈننەن تەسىر كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، رايون ئىقتىسادىغا بولغان تەسىر كۈچى، تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە تۈرتكىلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
ئەسلىھەلەر ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ، توسۇق نۇقتىلار راۋانلاشتۇرۇلدى −
جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىنى باشقا مۇھىم يول ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر بىلەن تۇتاشتۇرۇش ۋە راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، لائوس، تايلاند، قازاقىستان قاتارلىق 19 دۆلەت ۋە رايونغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.
جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىنى «ئاساسىي غول لىنىيە» قىلىپ، كۇنمىڭ-موخەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، لەنساڭجياڭ-مېيگۇڭخې سۇ يولى، كۇنمىڭ چاڭشۈي خەلقئارا ئايروپورتى قاتارلىقلار بىلەن «سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا، تۆمۈريول»دىن ئىبارەت كۆپ يۆنىلىشتە ئىستېرېئولۇق كېسىشكەن، دۆلەت ئىچى-سىرتىنى تۇتاشتۇرىدىغان، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن قاتناش تورىنى شەكىللەندۈردى؛ «جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى+جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى» بىرلەشمە تىرانسپورت ئەندىزىسى لائوسنىڭ قەھۋە پۇرچىقى قاتارلىق تاۋارلىرىنىڭ ياۋروپاغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشتىكى ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى %40 تۆۋەنلەتتى.
ھەرقايسى جايلاردىكى كارخانىلارنىڭ خاسلاشقان ئېھتىياجىغا قارىتا، «لەنساڭجياڭ-مېيگۇڭخې تېز لىنىيەسى» سوغۇق زەنجىرلىك مەخسۇس پويىزى ئارقا-ئارقىدىن «بېيجىڭ-يۈننەن . لەنمېي-مېيجوۋ لىنىيەسى»، «شاڭخەي-يۈننەن-لەنمېي لىنىيەسى»، «لەنمېي-چېڭدۇ-چۇڭچىڭ-ياۋروپا تېز لىنىيەسى» قاتارلىق زاكازلاشقان نۆۋەتچى پويىزلارنى ئىشقا كىرىشتۈردى، كارخانىلار ئالدىن ئىلتىماس قىلىپ، تاموژنىدىن تېز ئۆتۈش، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خام، يېڭى مەھسۇلاتلىرى تۆۋەن باھادا جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۇقىرى ئۈنۈمدە توشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.
«قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» بىلەن «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈلدى −
قاتناش زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى. قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا كۈنىگە ئاران ئىككى قېتىم چېگرا ھالقىغان يۈك پويىزى قاتنايتتى؛ بۈگۈنكى كۈندە، بېسىق مەزگىلدە ھەر كۈنى چېگرا ھالقىغان 18 يۈك پويىزى قاتنايدىغان بولدى.
تاموژنىدىن ئۆتۈش تېخىمۇ راۋانلاشتى. رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، موخەن تۆمۈريول پورتىدا ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى دەسلەپكى 40 سائەتتىن 5-2 سائەتكە قىسقاردى. جاڭ دېخۇەن مۇنداق دېدى:«ئىلگىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ماللار موخەن پورتىغا توشۇپ كېلىنگەندىلا ئاندىن ئىلتىماس قىلغىلى بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، تۆمۈريول ۋە تاموژنا ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، كارخانىلار ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىر قېتىمدىلا بېجىرەلەيدىغان بولدى، ماللار موخەن پورتىغا توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن توختاش ھاجەتسىز، بىۋاسىتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.»
يۈننەن كۇنمىڭنىڭ موخەننى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى مايىللاشتۇرۇپ، «ئىككى باشتىكى رايون»لار ئارقىلىق «ئوتتۇرىدىكى رايونلار»نى يېتەكلەپ، لىنىيە بويىدىكى ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىدى؛ جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يول ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇش، لىنىيە بويىدىكى كەسىپلەرنى ئېچىش، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ ھەرىكەت»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى؛ «جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى لىنىيەسى بويىدىكى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتمىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالاقىدار ئوبلاست، شەھەرلەرنى تۆمۈريولغا ماس كېلىدىغان كەسىپلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىنىڭ چېگرا ئىچى لىنىيەسى بويلىرىدا پەرقلىق ماسلاشقان، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولدى ...
چوڭ يول چوڭ كەسىپلەرنى جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى−
چىقىرىش، كىرگۈزۈش ئارقىلىق، يۈننەن جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىنىڭ «ئالتۇن لىنىيەسى»نىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى سىجىل زورايتىپ، لىنىيە بويىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لىنىيە بويى ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.
يول ئىقتىسادى پورت ئىقتىسادىغا ئۆزگەرى. 2022-يىلى كۇنمىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرغاندىن بۇيان، موخەن پورتى جەمئىي تاماملىغان مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 11 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتى %118.2كە يەتتى.
چېگرا ھالقىغان ساياھەتنى جانلاندۇردى. بۇ يىل 1-پەسىلدە، شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كۈتۈۋالغان چەت ئەللىك ساياھەتچى 157 مىڭ ئادەم قېتىمغا، ساياھەت تاشقى پېرېۋوت ئومۇمىي خىراجىتى 9 مىليون 910 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %470، %481 ئاشتى.
جۇڭگو-لائوس تۆمۈريول لىنىيەسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، بىيو تېببىي دورا، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق تۆت نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. يۈشىدە لىتىي كېنى بايلىقى بىر تۈركۈم يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈردى ، 2024-يىلىغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى توققۇز يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە كەسپ تۈرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد 449 مىليون يۈەنگە يەتتى.
يۈننەن ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكى رايون ئورنىدا، چىقىش يولى ئېچىۋېتىشتە. جۇڭگو تۆمۈريولى كۇنمىڭ ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا جەمئىي 51 مىليون 949 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلغان، 58 مىليون 496 مىڭ توننا يۈك توشۇلغان. بۇ «تۆمۈريول تىرانسپورت تورى»نىڭ چېگرا ھالقىغان تاۋار تۈرىمۇ قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 500 نەچچە خىلدىن بۈگۈنكى كۈندىكى 3000 نەچچە خىلغا كېڭەيگەن.
يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يۈننەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن بىرتۇتاش پىلانلاش، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش ئىشىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەتراپ بىلەن بولغان «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»، «قەلبنى تۇتاشتۇرۇش»نى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن تەسىر كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئەتراپى خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.