مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۆگىنىش تەربىيەسى ئاچقۇچلۇق، مۈشكۈل پەيتكە كەلدى، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە قاتتىق ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، سالماقنى بوشاشتۇرماي، غەيرەتنى كېمەيتمەي، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشتە سۈپەت بولۇش، تەكشۈرۈشتە سالماق بولۇش، تۈزىتىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
گۇيجوۋ ۋە يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن «دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاددىي، ئەمەلىي ھالدا ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللەش، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق» تەلەپ قىلىندى؛ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا كەسكىن قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: «نەچچە ئون مىڭ خەتلىك ئۆگىنىش تەسىراتىنى يېزىشنى ئۆگىنىش نەتىجىسى قىلىۋالماسلىق كېرەك»، «قۇرۇق گەپ قىلىش، ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق»... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىگە قارىتا كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولغان ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى. شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، يەنىلا بەزى جايلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر تۇتمىدى، ئىنچىكە تۇتمىدى، قاتتىق تۇتمىدى، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىش يۈزەكىي بولدى؛ بەزى پارتىيەلىك كادىرلاردا ئىدىيەگە تاقابىل تۇرۇش، ئۆتكەلدىن ئۆتۈش روھىي ھالىتى مەۋجۇت بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىستىل تەلىپىنى ئىدىيەگە سىڭدۈرەلمىدى، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرالمىدى. بۇ يەنە بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا شەكىلۋازلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، جەزمەن چوڭقۇر، پۇختا بولۇپ، سىجىل بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىش كېرەك.
ھەرىكەتتىكى ئېغىشنىڭ مەنبەسى ئىدىيەۋى تونۇشنىڭ جايىدا بولماسلىقىدا. ئۆگىنىشتە ئىدىيەدىكى نېگىزلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. جەزمەن كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى تەتبىقلاشتا، «ئىز»نى «نەتىجە»دەۋېلىپ، ئۆگىنىشنى يۈزەكى، شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرگەندىلا، ئاندىن ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئەمەلىي نەتىجىگە، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
«ئۆگىنىش» «تەكشۈرۈش»نىڭ ئاساسى، «تەكشۈرۈش» «ئۆزگەرتىش»نىڭ ئالدىنقى شەرتى. تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش ھەقىقىي بولمىسا، تۈزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. رېئاللىقتا، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش جايىدا بولماسلىق ھادىسىلىرى يەنىلا مەۋجۇت، بەزىلىرىدە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرمەسلىك، تىزىملىكنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش، تۇتۇرۇقسىز ئىشلار مەۋجۇت؛ بەزىلىرى كونكرېت ئەمەس، بىپەرۋالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ، توغرىدەك تۇرسىمۇ ئەمەلىيەتتە خاتا؛ بەزىلىرى ئىچكىرىلەپ كىرمىگەن، ئېغىرىدىن قېچىپ يېنىكىگە يۈگۈرۈپ، يوشۇرۇپ يۈرىدۇ. پارتىيەلىك كادىرلار مەسىلە تىزىملىكىنى پەرقنى تېپىپ چىقىش، ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش ئەينىكى قىلىپ، پائال سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، كېسەللىك مەنبەسىنى ئېچىپ، نىشان تۇرغۇزۇپ، ئادەمنى كۆرۈش، ئىشنى بىلىش، ئىدىيەنى نامايان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ساقلانغان باشقا مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، كۆرۈنمەس بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق، كۆرۈنمەس رايون قالدۇرماسلىق، چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشتە، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىگە قاراش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولىدىغان، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەننى يېتەكلەيدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، مەسىلە ھەل بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغۇچە بولدى قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرسا، چوقۇم ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.