ھەرقايسى ئۆلكىلەر ئېلان قىلغان «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 27 ئۆلكە يەرلىك نىزامدا ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىشنى ئايدىڭلاشتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە سەنشى، گەنسۇدا ۋاقىت ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، 30 كۈن توي دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، خېيلۇڭجياڭ، خېنەن، شەنشى، نىڭشيا قاتارلىق جايلار يەنە ئۆيلىنىشتىن بۇرۇنقى تېببىي تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىدىغان ئەر-خوتۇنلارغا قارىتا ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى قوشۇپ بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى كۆپەيتكەن، خېنەندە ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 28 كۈنگە يېتىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى