مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مالىيەنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ چىقىمى، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشى بىردەك 4 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %6.1 ۋە %5.9 ئېشىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.
ئاساسىي كۈتۈنۈش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىلىدۇ. دۆلەت مالىيەسى ئۈستىگە ئالغان شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى يەنە 20 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىمۇ مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ يىل مەركەز مالىيەسى ياردەم پۇل بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەشنى قانات يايدۇرىدۇ، 300 مىليوندىن ئارتۇق ياشانغان كىشى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ.