ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ بويىچە قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ساننى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئالدامچىلىقلاردىن ھوشيار بولۇش كېرەك

2025.06.11 14:18 مەنبە: خەلق تورى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ بويىچە قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەزى ئالدامچىلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ سانى تېخى توشمىدى، پەقەت پۇل خەجلەپ «تەييارلىق» قىلسىلا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش سانىغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ يالغان ئېيتىدۇ؛ يەنە بەزى ئالدامچىلار ئىمتىھاندىن بۇرۇن ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئاتا-ئانىلارنى ئالداپ پۇل تاپشۇرسا ساننى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ دەيدۇ؛ ھەتتا بەزى ئالدامچىلار ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، «ئىچكى كۆرسەتكۈچ»، «پىلان سىرتىدىكى كۆرسەتكۈچ»نى سېتىۋالالايدىغانلىقىنى جار سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مۇنتىزىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ھېچقانداق قوشۇمچە ھەق پەيدا بولمايدۇ، ئومۇمەن كاپالەت پۇلى، قوبۇل قىلىش ھەققى، كۆرسەتكۈچ ھەققى ئېلىنىدىغان «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچى» چوقۇم ئالدامچىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇقلاپ قوبۇل قىلىشتا ھەرقايسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى ئارقىلىق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار توردا ئاشكارا ئارزۇ توپلاپ قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇ كونكرېت شەخسلەرگە قارىتىلغان ئەمەس، بۇنى باھانە قىلىپ پۇل-مال ئۈندۈرۈۋالمايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ