مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «شەھەر قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»گە گوۋۇيۈەن قوشۇلغان. «پىكىر»دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: 2027-يىلىغا بارغاندا، شەھەر قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزام، سىياسەت ۋە ئۆلچەمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوغرىلىقچە قويۇپ بېرىش، قالايمىقان تۆكۈش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىدىن ئوتتۇرىچە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش نىسبىتىنى %50 تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈپ، شەھەر قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى ئۈنۈملۈك تۈزەش يېڭى ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.