يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى «كالا، قوي زاسۈيلىرىنى تازىلاش ئۆلچىمى» ئېلان قىلىندى، 2025-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، بۇ ئۆلچەمنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كالا، قوي زاسۈيلىرىنى تازىلاش ۋە باشقۇرۇش ساھەسىدىكى ئۆلچەم بوشلۇقىنى تولدۇردى، بۇ شۇ جاينىڭ كالا، قوي زاسۈيلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
6-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «كالا، قوي زاسۈيلىرىنى تازىلاش ئۆلچىمى»دە كالا، قوي زاسۈيلىرىنى تازىلاشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا قارىتا تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، تازىلاش مەيدانى، ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەر، تازىلاش جەريانىنى باشقۇرۇش، خادىملارنىڭ مەشغۇلات قائىدىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.