مۇخبىرىمىز ۋۇ دەن خەۋىرى
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك ئىختىساسلىقلار بايلىقى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش يىرىك پىلان پىروگراممىسى (2024-يىلىدىن 2035-يىلىغىچە)»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:«ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.»
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر كۆلىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تەمىنلەش بىلەن بىلەن ئېھتىياجنىڭ دەل جايىدا ئۇدۇللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئاچقۇچقا ئايلاندى. بۇ يىلدىن بۇيان، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، 2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
− سىياسەت ئارقىلىق ئىش ئورنى كېڭەيتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن قېزىپ چىقىلدى.
4-ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە «2025-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ ئىشقا سېلىپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا قوبۇل قىلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاتتى. جايلارنىڭ مىقدارنى ئاشۇرۇش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بەردى.
سىياسەتلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جېجياڭ نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى، مەسىلەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، ئائىلە مۇلازىمىتى ئورۇنلىرى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشسا، ئۈچ يىل ئىچىدە يىلىغا 10 مىڭ يۈەندىن ئىش ئورنى ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ قاتارلىقلار؛ گۇيجوۋ نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە تايىنىپ 40 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى؛ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاڭپىڭ رايونى نۇقتىلىق كەسىپ كارخانىلىرىغا كۆلەملىك ئىشقا قوبۇل قىلىش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈپ يولغا قويدى.
− ئۇدۇللاشتۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا قوبۇل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.
«چىقىرىش» ۋە «كىرگۈزۈش»تىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇردى. ئالىي مەكتەپ شۇجىلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ «كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ۋە جايلارنىڭ «ئىككى مۇھىم»، «ئىككى يېڭى» قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىش ئورۇنلىرىنى قېزىپ چىقتى. 2-دەرىجىلىك شۆيۈەنلەرنىڭ پەن، كەسىپ نۇقتىسىنى بىرلىك قىلغان ئاساستا كارخانىلارنى دەل جايىدا زىيارەت قىلىپ ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق ماسلىشىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈردى. 6-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2575 ئالىي مەكتەپ 462 مىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى زىيارەت قىلىپ، 4 مىليون 718 مىڭ ئىش ئورنىنى كېڭەيتتى. «تۈمەن كارخانىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پىلانى»نى سىجىل يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىپ ئىشقا قوبۇل قىلىش سالمىقىنى زورايتتى. بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر نەق مەيداندا 179 مىڭ قېتىم ئىشقا قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر، ئىش ئورنى كۆپ ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم ساھە خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ بازىرىنى كۈچەپ قۇرۇپ چىقتى. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قاتارلىق جايلاردا، ساھە تارماقلىرى ۋە جايلار بىلەن بىرلىشىپ، 12 مەيدان رايون خاراكتېرلىك «1000 مەكتەپ، 10 مىڭ كارخانىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى» ۋە كەسىپ خاراكتېرلىك «1000 ساھە، 10 مىڭ كەسىپ بويىچە ئىشقا قوبۇل يىغىنى»نى قانات يايدۇرۇپ، 350 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلىدى.
− تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇلۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەندى.
4-ئايدا دۆلەت داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسى سۈنئىي ئاقىل ياردەمچى «ئاقىل شياۋيې»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ئىش ئورنىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئەقلىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئىختىساسلىقلارغا دائىر تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قۇرۇپ، مىنىستىرلىق، كومىتېت، ساھە، كەسىپ قاتارلىقلارنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى ئۇچتىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات بايلىقىدىن 950 مىليوننى توپلاپ، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى مودېلىدىن پايدىلىنىپ نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارغا دائىر تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجىنى تەھلىل قىلىشنى قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە سۇپا قىسمەن جايلار ۋە ئالىي مەكتەپلەرگە يۈزلىنىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىپ قوللىنىشنى قانات يايدۇردى.
يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ كەسىپ ۋە بايلىق قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەمتۈرتكە قىلىش مېخانىزمىنى ئورناتتى ھەم ئۇنى مۇكەممەللەشتۈردى. يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بويىچە «قوش مىڭ» پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ يولغا قويۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر جىددىي ئېھتىياجلىق بىلىم ۋە ماھارەت تەلىپىگە يۈزلىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ بىلىم ۋە ماھارەت قۇرۇلمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەھكىمىسى (ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەھكىمىسى) نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى :«ھازىر دەل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق كۈچەش مەزگىلى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن تەشكىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ‹100 كۈنلۈك كۈچەش ھەرىكىتى›نى باشلىدى.»