بۇ يىل دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ ئىشلەش كۆلىمىنى 30 مىليون كىشىدىن ئارتۇق ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي مىقدارى بېسىمى ئازايمىدى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت گەۋدىلىك بولدى. نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تورىنى قانداق مۇستەھكەملەش كېرەك؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەر ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلار توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئەڭ مۇھىم ئىش. بۇ يىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە شەھەرلەر ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى بىرلىشىپ تەكلىپ قىلىش مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى، دۆلەت تەكلىپ قىلىش ھەرىكىتى، يۈز كۈندە ئون مىليون ئادەم تەكلىپ قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئېلان قىلغان ئىش ئورنى ئون مىليوندىن ئاشتى. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارنى ئاز دېگەندە بىر قېتىم سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، بىر قېتىم كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ئۈچ قېتىم ئىش ئورنىغا تونۇشتۇرۇش ۋە بىر قېتىم تەربىيەلەش ياكى پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ دىققەتنى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈچتىن بەشكىچە ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن قاراتمىلىق تەمىنلىدى. ئاممىۋى تارماقلارنىڭ ئىش ئورنى كۆلىمىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»، «غەربىي رايون پىلانى»، «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن تەتقىقات ياردەمچى ئىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليون ئىشقا ئورۇنلىشىش-پىراكتىكا ئىش ئورنى توپلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، خىزمەت ئىزدەش ئىقتىدارى ئەمەلىي مەشىق لاگېرى تەشكىللەپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.
دىققەتنى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ، ھەرقايسى جايلاردا باھار شامىلى ھەرىكىتى، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرگە باھار ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە جەمئىي 56 مىڭ مەيدان تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. كېيىنكى قەدەمدە شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ رايونلۇق ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، شەھەر ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەمكارلىق چەمبىرىكىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەك مۇلازىمەت ماركىسىنىڭ «ئالتۇن نام كارتىسى»نى جۇلالاندۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ ئىشلەمچىلىك كۆلىمى ۋە كىرىم سەۋىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.
ئىشسىزلارغا مەركەزلىك ياردەم بېرىش-يۆلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، تەربىيەلەش تۈرى، بازار ئىش ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىشنى ياخشى ئىشلەپ، باجدا ئېتىبار بېرىش، باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى، كەسپىي تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى قاتارلىق «ئىككىگە ئېتىبار بېرىش، ئۈچتە تولۇقلىما بېرىش» سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارە مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ساقلانما مىقدار سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشۇرما مىقدار سىياسىتىنى مۇۋاپىق پەيتتە يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ نىشان-ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملايمىز.