يەككە قوزۇق يىلتىزغا ئوخشاش دېڭىز ئاستىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى؛ مۇنار خۇددى كانايدەك بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇراتتى؛ كېشەك كىران بىلەكلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، مىڭ توننىلىق غايەت زور قۇرۇلمىنى يىراق دېڭىزغا يەتكۈزەتتى؛ ئىشچىلار مۇنار ئارىلىقىدا ئۆتۈشۈپ، بولتىلار، كەپشەر نۇرلىرى ئارقىلىق شامال ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇستەھكەم ئومۇرتقىسىنى ياراتتى. دېڭىز كابېلى جىڭلودەك سوزۇلۇپ يېيىلىپ، دېڭىز ئۈستىدىكى پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى.
بۇ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئورتاق بەرپا قىلغان ھەيۋەتلىك نەق مەيدان، شامال بىلەن توك گىرەلەشكەن دەۋر جاۋابى − دېڭىزدا شامال كۆتۈرۈلدى، «توك» كەلگۈسىنى يورۇتتى. (جاۋ چېن، گۇ يۈشۆ، چياۋ شۇ، جېڭ شىنچياۋ، جۇاڭ رۇنزې)
شامال ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى پاراخوتقا قاچىلىنىپ دېڭىز مەشغۇلات نۇقتىسىغا قاراپ يولغا چىقتى. شىن گې فوتوسى
شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قۇراشتۇرۇش مەشغۇلات نەق مەيدانى. شىن گې فوتوسى
شامال ئېلېكتىر قەپەز جازىسى ئېسىپ قۇراشتۇرۇشنى ساقلىماقتا. خەلق تورى جېڭ شىنچياۋ فوتوسى
غايەت زور كېشەك كىران 1500 توننا ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرەلەيدىغان بولۇپ، دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر يادرولۇق جابدۇقلىرىنىڭ بىرى. خەلق تورى چياۋ شۇ فوتوسى
غايەت زور مۇنار مەيداندا ئېسىپ قۇراشتۇرۇشنى كۈتۈپ توغرىسىغا ياتاتتى. خەلق تورى جېڭ شىنچياۋ فوتوسى
شامال گېنېراتورى قۇراشتۇرۇش نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. سۈرەتنى رۇشەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن
ئىشچىلار ئاچقۇچلۇق بولتىنى چىڭىتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلدى. سۈرەتنى رۇشەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن
ئۈچ يۈرۈش پولات جازا ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا رەتلىك تىزىلىپ، ئېسىپ قۇراشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى كۈتۈپ تۇراتتى. خەلق تورى جېڭ شىنچياۋ فوتوسى
«شامال ئېلېكتىر جىڭلوسى» دەپ ئاتالغان دېڭىز كابېلى دېڭىزدا پاكىز ئېنېرگىيەنى يۇقىرى ئۈنۈمدە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. خەلق تورى جېڭ شىنچياۋ فوتوسى