6-ئاينىڭ 9-كۈنى، «مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش كېرەك.
جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا قويۇلىدىغان نوپۇس چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىش كېرەك.
شەھەر-بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.
شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەق تاپشۇرۇش ياردەم پۇل سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ھەق تاپشۇرۇشنىڭ جانلىقلىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ھەق ئالىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىدىن ئۆلكە ھالقىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ماھارەت ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش ئوبيېكتىنى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئالىدىغانلارغىچە كېڭەيتىش كېرەك.
شارائىتى بار جايلارنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى، تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىنى تەرتىپ بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارغا بىۋاسىتە تارقىتىپ بېرىشىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكلەش كېرەك.