6-ئاينىڭ 9-كۈنى، « مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ياردەم بېرىش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.
تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسنى بېكىتىش چارىسى، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، تۆۋەن كاپالەت گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەر، مۇتلەق چىقىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك.
ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى تەڭشەشنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئۇنى شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى بىلەن باغلاش كېرەك.
ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىنى تۈرگە ئايرىشتا پايدىلىنىش كۆرسەتمىسى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.