6-ئاينىڭ 9-كۈنى، « مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ياشانغانلار، بالىلار» ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.
پەرۋىش تىپىدىكى كارىۋات تەمىناتىنى كۆپەيتىش، يېڭىدىن قۇرۇلغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدا پەرۋىش تىپىدىكى كارىۋاتنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى پىرىنسىپ جەھەتتە %80 تىن تۆۋەن بولماسلىق كېرەك.
ئون يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شارائىتى بار چوڭ شەھەرلەرنىڭ گىرەلەشمە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ھاۋالىلىك تەربىيەلەشنىڭ %80 تىن ئارتۇق مەھەللىنى قاپلىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.