مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: 1000 دىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىنىدۇ

2025.06.10 14:38 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 9-كۈنى، « مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى. پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپ بايلىقىنىڭ ئەلالىشىشى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەش يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق قاپلىشى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 1000 دىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ، ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سېلىنىدۇ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى نۇقتىلىق ياخشىلىنىدۇ.

ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچىنى مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈش نىسبىتىنى كېڭەيتىش تېزلىتىلىپ، ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمىگە ئاساسەن رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تەقسىم قىلىنىدۇ ھەمدە يېزا مەكتەپلىرى قاتارلىقلارغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ