شىنيۇڭ جۇڭگو (چۇڭچىڭ) تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا، كاڭشىفۇ (چۇڭچىڭ) قولاي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى جاۋابكارلىقى تۈرىدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسى سەۋەبىدىن، چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن 525 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.
قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، كاڭمېي كوچىسىغا جايلاشقان كاڭشىفۇ (چۇڭچىڭ) قولاي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر ئىشچىسى ئىستېرېئولۇق ئامباردا مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ، بىر ئادەم ئۆلگەن. كاڭشىفۇ (چۇڭچىڭ) قولاي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرمەي، نەق مەيدان بىخەتەرلىكىنى جايىدا باشقۇرمىغان، كەسىپكارلارنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى توغرا ئىشلىتىشىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلمىغان ۋە ئۇلارغا تەربىيە بەرمىگەچكە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى»نىڭ 45-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ.