6 -ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مائارىپ-ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 17 دە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2025-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بارلىق پەنلەر بويىچە ئىمتىھان ئېلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 95 ئىمتىھان رايونى، 239 ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھان مۇقىم ئاخىرلاشقان.
خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، داۋاملىق ئىمتىھان قەغىزى يىغىش، سىكاننېرلاش، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش، نەتىجە ئېلان قىلىش، ئارزۇ تولدۇرۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق خىزمەت باسقۇچلىرىغا كىرىدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسى، ئورۇن تەرتىپى ھەمدە ھەرقايسى تۈركۈملەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدىكەن. شىنجاڭ مائارىپ-ئىمتىھان ئورنى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا مۇنداق ئالاھىدە ئەسكەرتتى: ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ نومۇرى، كىملىك نومۇرى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى قاتارلىق شەخسىي ئاچقۇچلۇق ئۇچۇرلىرىنى باشقىلارغا خالىغانچە تەمىنلىمەسلىك ياكى ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلماسلىق، ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.