مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 110 خەيرىيەت تەشكىلاتى تىزىمغا ئېلىپ تەستىقلانغان. خەيرىيەت باش (جەمئىيىتى) ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، فوند جەمئىيەتلىرى بىلەن پۇقراۋى غەيرىي كارخانا ئورۇنلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت-ئوبلاست-شەھەر، ناھىيە-شەھەر-رايوندىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك خەيرىيەت تەشكىلىي سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى.