مەلۇمات جەدۋەللىرىنى ئازايتىپ، پۇت-قوللارنى بوشاتماق (مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش . بىرىنچى سەپتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم)

مۇخبىرىمىز ياڭ ۋېنمىڭ

2025.06.09 15:50 مەنبە: خەلق تورى

«ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپاتىنى كەنت كومىتېتىغا ئەۋەتىپ بەرسەكلا بولىدۇ، باشقا ئىش يوق؟» جاۋ خۇڭيىڭ تېلېفوننى قويۇپ بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي قالدى.

جاۋ خۇڭيىڭنىڭ ئۆيى يۈننەن ئۆلكىسى چۇشيۇڭ يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى نەنخۇا ناھىيەسى يۈلۇ بەيزۇ يېزىسى خوۋديەن كەنتىدە بولۇپ، بۇلتۇر كەسپىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، «شەبنەم پىلانى» ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلغانىدى. ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇش، مەكتەپتە ئوقۇش ئىسپاتى ئېلىش، كىملىك، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى كۆپەيتىش، كەنت ئاھالە كومىتېتى يەنە تەكشۈرۈش قەغىزى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. كەنت جەدۋەلنى تولۇق يىغىپ، ئاندىن يېزىغا مەلۇم قىلىپ، ناھىيەلىك مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىنى كۈتتى، «ئالدى-كەينى بولۇپ بىر ئاي ساقلىدىم، ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى.»

بۇ يىل ئوخشىمايدۇ، ئىلتىماس جەدۋىلىنى سۈرەتكە تارتىپ يوللىسا، توردا تەستىقلاپ، بىر ھەپتىدىلا بېجىرىپ بولىسىز.

«ھېلىمۇ ياخشى <يۈنبياۋتۇڭ> بار ئىكەن!» دېدى خوۋديەن كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ خۇڭلەن.

بۇلتۇر 9-ئايدا، نەنخۇا ناھىيەسى يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى يۈننەن ئۆلكىلىك سانلىق مەلۇمات ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان سانلىق مەلۇمات كۈچ قوشۇش بويىچە < يۈنبياۋتۇڭ >نى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا تاللىنىپ، «ئاساسىي قاتلام سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر قېتىمدىلا تولدۇرۇش، كۆپ چاستوتىلىق مەلۇمات جەدۋىلىنى بىر ئامباردىلا ھاسىل قىلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئىلگىرىكى جەدۋەلنى بۇ ئىدارە تەلەپ قىلغاندىن كېيىن يەنە ئۇ ئىدارە تەلەپ قىلاتتى، بۇ بۆلۈم تەلەپ قىلغاندىن كېيىن يەنە ئۇ بۆلۈم تەلەپ قىلاتتى... ئەمدىلا ئاممىنىڭ ئۆيىدىكى ئوتداننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشۇمغا، ئۇ ياقتىن مەلۇمات جەدۋىلىنى سۈيلەيدىغان تېلېفون كەلدى!» دېدى جاۋ خۇڭلەن.

«يۇقىرىدا بىر ئېغىز ئېچىلسا، تۆۋەندىكىلەر پۇتى ئۈزۈلگۈدەك يۈگۈرەيدۇ» نەنخۇا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ شۆرۈي تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدىراتسا، ئاساسىي قاتلام سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ، قانچە ئالدىرىغانسېرى، مۆلچەرلەش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.»

جەدۋەل تولدۇرۇش ئازايدى، بۇ ئەڭ بىۋاسىتە ئۆزگىرىش.«كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەر ھەپتىدىكى ئوتتۇرىچە مەلۇمات جەدۋىلى 21 قېتىمدىن بىر قېتىمغاچۈشتى!» دېدى جاۋ خۇڭلەن.

< يۈنبياۋتۇڭ > سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، نەنخۇا ناھىيەسى مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ سانى ۋە تولدۇرىدىغان تۈرلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، مەلۇمات جەدۋىلىنى 1326 پارچىدىن 320 يۈرۈشكە قىسقارتتى، ئەسلىدىكىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا يەتمەيدۇ، تولدۇرىدىغان تۈرلەر 14 مىڭ 200 دىن 4500 ئەتراپىغا ئازايتىلدى.

جەدۋەل تولدۇرۇش تېخىمۇ ئاسان بولدى. جاۋ خۇڭلەن بىر كىچىك دەپتەرنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ھەرقايسى جەدۋەل سىستېمىلىرىدا مۇستەقىل ئابۇنىچى نامى، مەخپىي نومۇر تەلىپى بار ئىدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، مەخسۇس <مەخپىي نومۇر دەپتىرى>نى ئىشلىگەنىدى.»

ھازىر كادىرلار سۇپىغا چىققاندىن كېيىن، ئىسىم-فامىلىسىنى كىرگۈزسە كىملىك نومۇرى، ئالاقىلىشىش تېلېفونى ئاپتوماتىك كىرىدۇ، بۇنىڭدا ھەم ۋاقىتنى تېجىگىلى، يەنە خاتالىقنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

جەدۋەل قالايمىقان تارقىتىلمايدىغان بولدى. تور سىرتىدا جەدۋەل ئالغاندىن، توردا سانىنى سورىغانغا يەتمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ جەدۋەلنى تەلەپ قىلسا ناھىيەگە يوللاپ تەستىقلىتىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ بىر ئاۋارىچىلىك؛ سىستېمىدا جەدۋەل تەكشۈرسە سانلىق مەلۇمات ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىدۇ، ئىش ئازىيىدۇ!

نەنخۇا ناھىيەسى < يۈنبياۋتۇڭ > سۇپىسى ئاساسىي قاتلام مەلۇمات جەدۋىلى ئىجازىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەلۇمات جەدۋىلىنى قالايمىقان تارقىتىش، ئاشكارا پاش قىلىش ھەم تارماقلار ئىلتىماس قىلىش، مەخسۇس بەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەلۇمات جەدۋىلىنىڭ «تارقىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تارقىتىش، تەستىقلىمىغانلىرىنى تارقىتىشنى مەنئى قىلىش» ۋە «قالايمىقان تارقىتىشنى پاش قىلىش، قالايمىقان تارقىتىپ تولدۇرۇشنى رەت قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

«<مەلۇمات جەدۋىلىنى ئەتىگەندە تارقىتىپ كەچتە سوراش> ئەھۋالى توسۇلدى، قالايمىقان ئىش قىلىشنى ئاساسىي قاتلام يەنە پاش قىلسا بولىدۇ، ناھىيە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ» دېدى دۇڭ شۆرۇي..

ئەڭ مۇھىمى، جەدۋەلنى ئىشلىتىش تېخىمۇ ئاسان بولدى.

«قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ۋە ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش ئەھۋالى ئىستاتىستىكا جەدۋىلى»نى ئېلىپ ئېيتساق، ئىلگىرى جەدۋەل تولدۇرغاندا ھەر ئايدا كەنت ئاھالە كومىتېتى، يېزا-بازار، ناھىيەلەر بىر-بىرلەپ تولدۇرۇپ يۇقىرىغا يوللايتتى، ناھىيە دەرىجىلىكىگە جەملەشكە ئاز دېگەندىمۇ بىر ھەپتە كېتەتتى.

«ھازىر كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، يېزا-بازارلار پەقەت ئالاقىدار ھېسابات دەپتىرىنى قوغدىسىلا بولىدۇ، جەدۋەل ئاپتوماتىك ھاسىل بولىدۇ، نەنخۇا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىشىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پەقەت بىر كۈنلا ۋاقىت كېتىدۇ» دېدى جاۋ خۇڭلەن.

بۇ يىل ئانىلار بايرىمىدا، نەنخۇا ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى چۇشيۇڭ ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن «ئانىلار پوسۇلكىسى» ياردەم سانىدىن 20نى قولغا كەلتۈردى، بۇ پۇل مەخسۇس لۇڭچۇەن بازىرىدىكى ئاغرىقلار، مېيىپلەر ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلار قاتارلىق يۇقىرى ياشلىق قىيىنچىلىقى بار ئاياللاردىن ھال سوراشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئىلگىرى ناھىيە، يېزا-بازار دەرىجىمۇدەرىجە تاسقاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن يوللايتتى، ئاز دېگەندە بىر ھەپتە كېتەتتى؛ بۇ يىل سىستېما ئىچىدە تاسقاپ تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تەكشۈرۈپ، تىزىملىكنى بىر كۈندىلا چىقىرىپ بولىدىغان بولدى.

«<يۈنبياۋتۇڭ> ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كادىرلارنىڭ پۇ-قولىنى بوشىتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى» دېدى دۇڭ شۆرۈي.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ