شىزاڭنىڭ رىكازى شەھىرى جياڭزى ناھىيەسىدە، كوچىدىكى بىر كىچىك دۇكاندا، زاڭزۇ يىگىت سولاڭ چۈنپېي ئارپا بولكىسى تەييارلاۋاتاتتى. ئۇ ئارپىدىن نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنى ياسىغىلى بولىدىغانلىقى، دۇكىنىدا ئارپا قوناق ئېتىلدۇرمىسىنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. سولاڭ چۈنپېينىڭ ئارقا تەرىپىگە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئارپا يېمەكلىكلىرى تىزىلغانىدى.
يېقىنقى ئىككى يىلدا، جياڭزى ناھىيەسى ئەنئەنىۋى پېچىنە، كەسمە چۆپ، قۇتىلىق ھاراقتىن تارتىپ باباۋجوۋ، بولكا، قوناق ئېتىلدۇرمىسىغىچە بولغان يېڭى تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدا، ئارپىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەشنى كۈچەپ راۋاجلاندۇردى، ئارپا كەسپى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ شۇ جايدىكى ناھىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىشتىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى. 2024-يىلى، جياڭزى ناھىيەسىنىڭ ئارپا كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 148 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66 ئاشتى.
2021-يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.»
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىزاڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئېگىزلىككە خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. 2024-يىلى، شىزاڭدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 21 مىڭ 578 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 1.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
كەسىپ سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى −
لىنجى شەھىرىنىڭ بومى ناھىيەسىدە، بوزىداندىن ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش يوللىرى راۋان بولدى؛ چاڭدۇ شەھىرىنىڭ زوگۇڭ ناھىيەسىدە، ياڭاق يېغى قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئالقىشقا ئېرىشتى... شىزاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېڭى شەكىلدە ئېگىزلىكتىن سىرتقا يۈزلىنىپ، تېخىمۇ كەڭ بازار ئاچماقتا.
موتو ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا تاشيول تۇتاشتۇرۇلغان ناھىيە بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە چايچىلىق كەسپى پۈتۈن ناھىيەنى قاپلىدى. چاي ئۆستۈرۈش ھالقىسىدا، چايزارلىقتىن 103 ى قۇرۇلۇپ، ئالتە يېزا-بازاردىكى 39 ئىشتاتلىق كەنتنى قاپلاپ، ئومۇمىي كۆلىمى 19 مىڭ موغا يەتتى؛ پىششىقلاپ ئىشلەش ھالقىسىدا، 11 چاي پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، 22 ئىشلەپچىقىرىش، ئوراش-قاچىلاش لىنىيەسى قۇرۇلدى، ھازىر ئۈسكۈنىلەر تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن شارائىتتا، كۈنىگە 40 مىڭ جىڭ ئەتراپىدا كۆك چاي بىر تەرەپ قىلىنماقتا؛ ئوبوروت ھالقىسىدا، لاسا، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا موتو چايلىرىنى ساتىدىغان تور نۇقتىلىرى تەدرىجىي ئېچىلماقتا...
لىنجى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، موتو ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فۇ يۇڭبو مۇنداق دېدى:«ناھىيەمىز بىر پارچە چايزارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر پۈتۈن چايچىلىق كەسپىنى بارلىققا كەلتۈردى، موتو چايچىلىق كەسپىنىڭ پارلاق ئىستىقبالى پارلاق!»
پەن-تېخنىكا تەركىبى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى −
لاسا شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەجرىبىخانىسىدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى قوتازنىڭ بېقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىۋاتاتتى. شىزاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى باساڭ ۋاڭدۈي مۇنداق تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئۇزاق مەزگىل ئېگىز ھەم سوغۇق مۇھىتتا قوتازنىڭ يېتىلىشى ئاستا، قوتاندىن چىقىش دەۋرى ئۇزاق بولاتتى. ئاكادېمىيەمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوتازنىڭ نەسلى ۋە بېقىش شەكلىنى ياخشىلاش تەتقىقاتىنى سىجىل قانات يايدۇردى، بۈگۈنكى كۈندە لاسا شەھىرىنىڭ لىنجوۋ ناھىيەسىدىكى گېساڭتاڭ قوتاز باقمىچىلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدا، قوتازنىڭ ئوتتۇرىچە قوتاندىن چىقىرىلىش يېشى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئالدىغا سۈرۈلدى، باقمىچىلىق ئۈنۈمى سىجىل ئۆستى.»
ئېگىزلىككە خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىزاڭ ئارپا، قوتاز، ئوت-چۆپتىن ئىبارەت ئۈچ كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتى. 2024-يىلى شىزاڭ 10 مىڭ 656 پەن ـ تېخنىكا ئالاھىدە خادىمىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىكى ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلەپ ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، 40 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، 330 مىڭ ئادەم قېتىم ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.
خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقى سىجىل زورايدى −
شەننەن شەھىرى سومېي ناھىيەسىدە، شىزاڭ يېشيې فېڭشېڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق باش مەسئۇلى پۇبۇدەنزېڭ بىرنەچچە ھەسەلچىنى باشلاپ، بىر قاتار ھەسەل ھەرە ساندۇقلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھەسەلنى قانداق ئېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. پۇبۇدەنزېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز 6200 دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق، ھەربىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 1400 يۈەن ئاشتى. شىركىتىمىزنىڭ ھەرە ساندۇقلىرى نۆۋەتتە لاسا، شەننەن، رىكازى قاتارلىق جايلاردىكى ئون ناھىيە، رايونغا تارقالدى.»
بۈگۈنكى كۈندە، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، كىرىمنى ئاشۇرىدىغان بۇنداق ياخشى تۈرلەر بارغانسېرى كۆپلەپ ئېگىزلىكتە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى. رىكازى شەھىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى بويىچە ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، دېھقان-چارۋىچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. 2024-يىلىدىن بۇيان، بۇ تۈر شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ 57 مىليون 260 مىڭ يۈەن كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
شىزاڭ تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. 2024-يىلى شىزاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى %12.5 تىن كۆپرەك ئاشتى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىز سىجىل كۈچەپ، ئېگىزلىككە خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئەۋزەللىكنى يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ جۇشقۇن قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرىمىز. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كارخانىلاردا بىرلەشمە يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.»