بۈگۈندىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ، جۇڭگونىڭ يەككە تەرەپلىك ۋىزىسىز «دوستلار چەمبىرىكى»دە يەنە تۆت دۆلەت كۆپەيدى

2025.06.09 15:47 مەنبە: خەلق تورى

بۈگۈندىن باشلاپ، جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئومان، كۇۋەيت، بەھرەينلىك ئادەتتىكى پاسپورتى بارلارغا قارىتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ، جۇڭگونىڭ يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش «دوستلار چەمبىرىكى»گە يەنە يېڭى ئەزا قوشۇلدى.

2025 -يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 2026-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملىرى جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىش، ساياھەت قىلىش، ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىش، چېگرادىن ئۆتۈش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە چېگرادىن ۋىزىسىز كىرسە بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ