جۇڭگونىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئۈندىدار سالونىنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
سوئال: يېقىندا بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە تايلاند چېگراسى ئىچىدىكى گۇخې دەرياسى، سەيخې دەرياسى قاتارلىق دەريا ـ ئېقىنلاردا ئېغىر مېتاللارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بەردى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بىرما چېگراسى ئىچىدىكى كان قېزىش ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن دېيىلگەن، جۇڭگو ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
جاۋاب: جۇڭگو تەرەپ تايلاند چېگراسى ئىچىدىكى مېيگۇڭخې دەرياسى تارماق ئېقىنلىرى ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىش ۋەقەسىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار جايلارنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا دىققەت قىلدى، تايلاند --بىرما ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ چەت ئەلدىكى جۇڭگو كارخانىلىرىدىن ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن تىجارەت قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلدى، مېيگۇڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ۋادىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە سۇ سۈپىتىنى ئورتاق ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.