دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى: يەككە تىجارەتچىلەر دۇكان ئېچىپ توك ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلسا توك ھەقسىز ئۇلاپ بېرىلىدۇ

2025.06.09 15:44 مەنبە: خەلق تورى

6-ئاينىڭ 5-كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىمىز بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىرىنى بېجىرىش، توك ئىشلىتىشىنى قوللايدۇ. دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ خۇڭكۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلىتىمىز دىققەتنى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى تۆۋەن بېسىملىق كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتىلغان «ئىشىك ئالدىغا بېرىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، مەبلەغ سېلىش ھاجەتسىز» مۇلازىمەت ئاساسىدا، مۇلازىمەت دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. يەككە سودا-سانائەتچىلەر دۇكان ئېچىش، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە توك ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولسا، ھەقسىز توك ئۇلاشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. دەسلەپكى مۆلچەرگە قارىغاندا، بەش يىلدا يېڭىدىن مەنپەئەتلىنىدىغان كىشىلەر توپى بىر مىليون 500 مىڭ ئائىلىگە يېتىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ