كۈندىلىك تۇرمۇشتا، قىسمەن كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئېڭى ئاجىز، زۆرۈر بولغان دۈشمەن ئەھۋالى قارىشى كەمچىل، ئۇچراشقان مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق سەزگۈر ئىشلاردىن ئەيمىنىش تۇيغۇسى كەمچىل بولغاچقا، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش دېلولىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىپەرۋالىق قىلىش قىلمىشى سۇبيېكتىپ قەستەنلىك بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش ئاقىۋىتىنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن «قولاي ئىشىك» ئېچىپ بېرىپ، ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، ئۆزىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەيدۇ. ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋېي XX مەلۇم مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلغاندا، ئۇزۇن فوكۇسلۇق كامېرا ئارقىلىق يىراقتىكى بىر قىسىم سەزگۈر ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سۈرەتكە تارتقان. قىزىقىش ۋە كۆز-كۆز قىلىش پىسخىكىسى سەۋەبلىك، ۋېي XX تارتقان سۈرەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ نومۇرىدا ئېلان قىلغان. بۇ چاغدا ۋېي XX بۇ سۈرەتلەرنىڭ مەنزىرە رايونىدا تارتىلغان بولسىمۇ، سۈرەتتىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ سەزگۈر ھەربىي ئۇچۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈردىكى سۈرەتلەرنى خالىغانچە تارتىش ۋە تارقىتىش دۆلەتنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ھېس قىلمىغان، ئەڭ ئاخىرىدا ۋېي XX قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان.