شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2025.06.06 10:53 مەنبە: خەلق تورى

2025-يىللىق جۇڭگو كان ئىزدىگۈچىلەر يىللىق يىغىنى 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 14 ـ كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ، جۇڭگو كان ئىزدىكۈچىلەر يىللىق يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى. بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى «يىپەك يولى يېڭى پۇرسىتى، كانچىلىقنىڭ يېڭى كەلگۈسى».

بۇ، بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن 2-مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كانچىلىق تەرەققىياتىغا ئالاقىدار سىياسەتلەر ھەم نۇقتىلىق تۈرلەر، بايلىق ئەۋزەللىكى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرى ھەم 2025-يىللىق ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تونۇشتۇرۇلۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئېنىق تەرەققىيات پىلانى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا كانچىلىق ھوقۇقى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان 162 تۈر مەركەزلىك تونۇشتۇرۇلىدۇ، بۇ، نېفىت-تەبىئىي گاز، كۆمۈر، مىس، ئالتۇن، نىكېل قاتارلىق ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلارغا چېتىلىدۇ، ھەرقايسى رايون بۆلەكلىرى ئىنچىكە تاللاشتىن ئۆتكەن بولۇپ، بىرقەدەر ياخشى بولغان كان ھاسىل بولۇش گېئولوگىيەلىك شارائىتى، كان ئىزدەش ئىستىقبالى ۋە بايلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. يىغىن مەزگىلىدە، يەنە ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، كارخانا بىلەن ھۆكۈمەت، كارخانا بىلەن كارخانا ئارىسىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىگە تايىنىپ، ئىككى چاقنى قوزغىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.بىر تەرەپتىن، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلار ۋە كۆپ مىقدارلىق قېزىلما بايلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى. 2024 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ دۆلەت چۈشۈرگەن «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە 14 كان تۈرىدە كان ئىزدەش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى، ئالتە كان تۈرىدە ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ، جەمئىي 18 جايدا چوڭ تىپتىكى بايلىق بازىسىنى مۇستەھكەملەپ شەكىللەندۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى ھەم يىلدىن-يىلغا ئاشتى. 2024-يىلى، شىنجاڭ 558 كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون شۇ دەرىجىلىك ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بەرگەن كانچىلىق ھوقۇقى 208 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %13 ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بېجىنىڭ %1.8 ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا مەركەز ۋە 13 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دىكى 286 گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش ئورنى، كانچىلىق كارخانىسىدىكى 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشى چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «كان ئىزدەش چوڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى» ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش زاپاس رايونى ۋە ئىستراتېگىيەلىك داۋاملاشما رايونى تېز شەكىللەنمەكتە.

كانچىلىق ھوقۇقىنى رىقابەتلىك ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزۈمىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئېگىز تاغ ۋە ئويمانلىقلاردىكى ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلىرى كەسىپ ساھەسىدە قايتىدىن تونۇلۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ