مۇھىم بايقاش! «دەرىجىدىن تاشقىرى يەر شارى»

2025.06.05 10:58 مەنبە: خەلق تورى

ئىنسانلار ئالەمدىكى بىردىنبىر ئەقىل-پاراسەتلىك ھاياتلىقمۇ؟ يەر شارىغا ئوخشاش ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ماس كېلىدىغان يەنە بىر سەييارە بارمۇ؟بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئالەم سىرى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىگىلىشىچە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يۈننەن رەسەتخانىسى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا تەتقىقات كوللېكتىپى قۇياشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىدىن ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان بەلباغقا جايلاشقان دەرىجىدىن تاشقىرى يەرشارى Kepler-725 c نى بايقىغان، ئۇنىڭ ماسسىسى يەرشارى ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ