پاكلىق ئىستىلى قەلبلەرنى ئىللىتتى (مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش)

− سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى

2025.06.05 13:10 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلىرىمىز جاڭ ياڭ، خې جاۋيۈ

يېقىندا، «پۈتۈن زېمىننى قاپلىغان پاكلىق شامىلى − جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان پاكلىق مەدەنىيىتى» كۆرگەزمىسى جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدا باشلاندى، 300 دىن ئارتۇق داڭلىق ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقى بۇيۇمى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى.

ئەنخۇي تۇڭچېڭدىكى ليۇچىشياڭ مەنزىرە رايونى، سىچۇەن مېيشەندىكى سەنسۇسى ئىبادەتخانىسى، خېنەن كەيفېڭدىكى باۋگۇڭ ئىبادەتخانىسى... يىللارنىڭ ئىزناسى ئويۇلغان بۇ يەر بەلگىلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان پاكلىق مەدەنىيىتىنىڭ كارتىنىسىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ جايلارغا ئېكسكۇرسىيە-ئۆگىنىشكە باردى، پاكلىق مەدەنىيىتى خۇددى باھار يامغۇرىدەك قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى.

يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە جۇڭگونى ئۆزگەرتتى، ئۇ ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتلارنى تازىلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈن-تىنسىز كۈچ ئارقىلىق پاكلىقنى ئۇلۇغلاش، چىرىكلىشىشنى توسۇش قىممەت ئىدىيەسىنىڭ تەدرىجىي ھالدا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

پاكلىق ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېڭى دەۋر پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىدىيەنى پاكلاش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى. يېڭى دەۋردىكى پاكلىق ئىستىلىنىڭ جۇشقۇن ۋەزىيىتى پۈتۈن جۇڭگو زېمىنىغا تارقالدى.

قىزىل سىزىققا چېقىلىشقا بولمايدۇ، ھېچكىم بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس

يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ بانەن رايونى دۇڭۋېنچۈەن بازىرى نيەنتو كەنتىدە ئېچىلغان بىر مەيدان ئالاھىدە يىغىنىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئەتراپنى ئوراپ تۇراتتى. بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ كې جازالاش قارارنامىسىنى قولىغا ئېلىپ مۇنۇلارنى جاكارلىدى:«كەنت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گاۋ XX، كەنت پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى XX بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كەنتنىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا چېتىلغانلىقتىن، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ھازىر ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى!»

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، بانەن رايونى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھوقۇققا چېتىشلىق ئىشلىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى تورغا چىقىرىپ، بۇ مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىپ چىققانىدى.

بانەن رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى ۋاڭ لىن مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە سۇپا قۇرۇلغاندا، بەزىلەر ‹تۇغقانلارنى تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ› دەپ سورىدى. چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نيەنتو كەنتىدىكى بەش قۇرۇلۇش تۈرىدە لى XX نىڭ ئىسمىنىڭ قايتا-قايتا كۆرۈلگەنلىكى بايقالدى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىز بېسىپ تەكشۈرۈپ، ‹كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ توپلىشىپ ئىش ھۆددىگە ئېلىش› قاپقىقىنى ئېچىپ تاشلاپلا قالماي، يەنە گاۋ XX نىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش پاكىتىنى بايقىدى.»

«بىر تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئوغلۇم باشقىلار بىلەن بىللە كەنتتىكى تۈرلەرنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇنىڭ قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلسەممۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىزچىل خىزمىتى يوق يۈرگەنلىكىنى ئويلاپ، باغرى يۇمشاقلىق قىلىپ ماقۇل بولدۇم. ھازىر ئويلىسام، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇش ياخشى ئىش ئەمەسكەن، قائىدە قىزىل سىزىقىغا چېقىلىشقا بولمايدىكەن.» گاۋXX نىڭ پۇشايمان خاتىرىسىدىكى بۇ بىر جۈملە سۆز بانەن رايونىنىڭ ئىبرەت تەربىيەسىدىكى جانلىق دېلو مىسالى بولۇپ قالدى.

تۈزۈمنى چىڭىتىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. بانەن رايونى مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، ئاساسىي قاتلام نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت (مەھەللە) لەردىكى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرىنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا دائىر «ئوننى ئاشكارىلاش» ۋە كەنت (مەھەللە) تىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى پاك ئادا قىلىشىغا دائىر «تۆتنى قاتتىق چەكلەش» قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھوقۇققا چېتىشلىق ئىشلىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قۇرۇپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بەھرىمەن بولۇۋاتقان دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغى، قاتناشقان ھەربىر قۇرۇلۇش تۈرىنى ئاشكارىلىدى.

بانەن رايونى شۇاڭخېكوۋ بازىرى چاديەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ بەينىڭ نەۋرە ئاچىسى ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى:«نەۋرە ھاممىڭىز ياشىنىپ قالدى، سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېجىرمەكچى بولسىڭىز يول قويسىڭىز بولمامدۇ؟»

ياڭ بەي سىياسەت ھۆججىتىنى ۋاراقلىغاچ مۇنداق چۈشەندۈردى:«نەۋرە ھاممامنىڭ چۇڭچىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا ئىككى يۈرۈش ئۆيى بار، بەلگىلىمە بويىچە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ھەقىقەتەن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.»

قىزىل سىزىققا چېقىلىشقا بولمايدۇ، ھېچكىم بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بانەن رايونى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزام ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدى. نۆۋەتتە، بانەن رايونى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ئارقىلىق ئالدىن سىگنال بېرىپ، 60 تىن ئارتۇق مەسىلىنى بايقاپ ھەم ئۇنى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش» قاتارلىق قالايمىقان ئىشلارنى ئۈنۈملۈك توستى.

ھۆكۈمەت غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى

تيەنجىن شەھىرى شىچىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەتراپىدا كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىغان بىر «ھۆكۈمەت مال-مۈلۈك ئامبىرى» بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە ئىشلەتمەيدىغان تۈرلۈك ئىشخانا جاھازلىرى، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئاشخانا ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار رەتلىك تىزىلغانىدى.

شىچىڭ رايونلۇق ئورگان ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى ئىشخانا باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لى خېڭ: «< ھۆكۈمەت مال-مۈلۈك ئامبىرى > خۇددى ئىشخانا ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە ئوخشايدۇ. مۈلۈكنى ئامبارغا كىرگۈزۈشتە، بىكار نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق ئورۇن ئۈچۈن بوشلۇق ئاجرىتىلىدۇ؛ مۈلۈكنى ئامباردىن چىقىرىش، ئېھتىياجى بار ئورۇنلار ئۈچۈن خىراجەتنى تېجەپ بېرىدۇ.» دېدى. ھازىرغىچە، « ھۆكۈمەت مال-مۈلۈك ئامبىرى»دا 3000 دىن ئارتۇق ئىشخانا بۇيۇمى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ يىغىۋېلىنىپ، جەمئىي 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مالىيە مەبلىغى ئىجارە ھەققى تېجەپ قېلىندى.

تېجىگەن پۇل نەگە ئىشلىتىلدى؟

«ھۆكۈمەت ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئارزۇسىغا ئىشلىتىدۇ.» شىچىڭ رايونلۇق مالىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ خەييەننىڭ ھېسابات دەپتىرىدە ئېنىق خاتىرىلەنگەن: داسى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى 67 ھاۋا تەڭشىگۈچ سېتىۋېلىپ خەجلىگەن پۇل « ھۆكۈمەت مال-مۈلۈك ئامبىرى»دىن تېجەپ قېلىنغان خىراجەتتىن ئاجرىتىلغان؛چىلۇڭ جەنۇبىي كوچىسىغا يېڭىدىن توكلىغۇچىدىن 35 ى، توكلۇق ۋېلىسىپىتكە توك قاچىلاش ئورنىدىن 350 ى ئورنىتىلغان بولۇپ، خىراجەت شىچىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت كېمەيتكەن ئۆي-جاي مۇلازىمىتى خادىملىرى ئىشتاتى ۋە ئاشخانا ياردەم پۇل خىراجىتىدىن كەلگەن.

بالىلار ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان سىنىپتا خاتىرجەم دەرس ئاڭلاۋاتقاندا، ئاھالىلەر يېڭىدىن توك قاچىلايدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇشنىڭ قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولغاندا، كادىرلار تېجەپ قېلىنغان ھەربىر پۇڭ پۇلنىمۇ ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك خەجلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

«ئىلگىرى < ھۆكۈمەت مال-مۈلۈك ئامبىرى > نى < نىمكەش بازار > دەپ ئويلايتتىم، ھازىر كىم مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن < تاۋباۋ > غا چىقمايدۇ؟ » رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى سۈن شيۇيىڭ مۇنداق دېدى: ئۇ ئىلگىرى خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ «ھۆكۈمەت مال-مۈلۈك ئامبىرى»دىن 100 دىن ئارتۇق ئۆي جاھازىنى تاللىغان بولۇپ، ئىش ئۈستىلىدىن تارتىپ دايىنجىغىچە ھەممە نەرسىنى تولۇق ئىشلىتەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىچىڭ رايونى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورگانلارنىڭ يۈرۈشۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى ئۆيلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىش چارىسى قاتارلىق يىرىك پىلانلارنى تۈزۈپ، ئۈچ ئورۇندىكى بىكار تۇرغان ئۆي-مۈلۈكنى جانلاندۇردى، يېڭى بىر قارارلىق ئىشخانا مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىشتا ئۆي-جاي مۇلازىمىتى خادىملىرى ئىشتاتىنىڭ %3 ى، ئاشخانا ياردەم پۇل خىراجىتىنىڭ %6 ىنى قىسقارتتى ھەمدە ئاممىۋى سورۇنلارغا سۇ تېجەش، توك تېجەش، چىراغنى خالىغانچە ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئەسكەرتىش بەلگىلىرىنى چاپلاپ، تېجەشلىك بولۇشنى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇردى.

پاكىز ئىشلىگەندىلا، ئاندىن ئىشنى دادىل قىلغىلى بولىدۇ

قىزىل بايلىق جانلىق دەرسلىككە ئايلاندى، پاكلىق ئىستىلى قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى. ئۆگىنىش-تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ليۇياڭ شەھىرى 22 ئورۇندىكى ئىنقىلابىي يادىكارلىققا تايىنىپ تۇتاشتۇرغان «پاكلىق خەرىتىسى»نى يولغا قويۇپ، «ياخشى ئائىلە ئىستىلى.ياخشى ۋارىسلىق قىلىش» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ياش كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنى قىزىل تەربىيە ئېلىشقا تەشكىللەپ، پاكلىقنى ئۇلۇغلاش، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىشتىكى ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى؛ پاكلىق ھېكايىسىنى قىسقا سىن قىلىپ ئىشلىگەن بولۇپ، «توردىكى پاك ليۇياڭ» كىچىك پىروگراممىسىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولغان.

پاكلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ كاپالىتى.ليۇياڭ شەھىرى گۇگاڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن فېينىڭ ئاشۇ قېتىملىق خېرىدار چاقىرغانلىقى ھازىرغىچە ئېسىدە.

گۇگاڭ بازىرى ئەخلەت ئۆتەڭ پونكىتىنىڭ ھۆددە سودىگەر توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، بەلگىلىمە بويىچە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى قايتىدىن تەشكىللەش كېرەك. خەۋەر تارقىلىشى بىلەن، ئەسلىدىكى ھۆددە سودىگەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە شىركەت بەس-بەستە قاتناشتى.

«خېرىدار بولۇشتا رىقابەتلەشكەنلەردىن بەشى يەرلىك كارخانا، بەزىلەرنىڭ سوۋغات بېرىشى، ھاۋالە قىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.» چېن فېي مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئەڭ مۇۋاپىق ھۆددىگەرنى تاللىغىلى بولمىسا، زىيان يەنىلا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدۇ.» بازارلىق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارمۇ: «باھاسى ئەلا، مۇلازىمىتى ياخشى، بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇش پىرىنسىپى بويىچە تاللاش كېرەك» دەپ تاپىلىدى.پاكىز ئىش قىلغاندىلا، ئاندىن ئىشنى دادىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ 16 كەنت، كوپىراتىپنى ئايلىنىپ چىقىپ، «تازىلاش-توشۇش ۋاقىت ئۈنۈمى»، «مۇھىتنى تۈزەش» قاتارلىق ئاممىنىڭ ئىلتىماس-تەلىپىنى قاتتىق كۆرسەتكۈچ قاتارىغا كىرگۈزدى، ئەڭ ئاخىرىدا باشقا جايدىكى بىر كارخانا ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ غەلىبە قىلدى.

يېڭى ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرنىڭ ئورۇنلاشقىنىغا ئۈچ ئاي بولغاندا، ئەخلەت ئۆتەڭ پونكىتىدىكى سېسىق پۇراق يوقالغان، ئاپئاق فارفۇر خىش يەر پارقىراپ تۇرىدىغان بولۇپ، يۆتكەش ۋاقتى بىر ھەپتىدىن ئۈچ كۈنگە قىسقارغان.چېن فېي قايتا زىيارەت قىلغاندا، كەنت ئاھالىسى تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى دائىم < ئوغۇت سۈيى باشقىلارنىڭ ئېتىزىغا ئاقمايدۇ > دەيتتۇق، ھازىر پاكىز ئىش قىلىشنىڭ ھەقىقىي ماھارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.»

بۈگۈنكى كۈندە ليۇياڭدا، خۇنەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگىرىشلەر ھەر كۈنى يۈز بېرىۋاتىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى ئۈن-تىنسىز كۈچ ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنى قايتا ياراتماقتا.بىزنىڭ كۆرگىنىمىز «يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى تېجەشلىك بولۇش»، «ئاپتوموبىل ئىشلىتىشتىكى قائىدە» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر پارتىيەنىڭ «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»كە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى − بۇ ۋەدە چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ نۇر چاقنىتىش بەلگىسىگە يېزىلدى، « ھۆكۈمەت مال-مۈلۈك ئامبىرى»نىڭ رەتلىك يۈك جازىسىغا چۈشۈرۈلدى، ئىنقىلابىي كونا جايغا يوشۇرۇنغان 100 يىللىق دەرەخ كۆلەڭگىسىدە، مىليونلىغان ئاممىنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ