

«نەنخەي 1 ـ » ناملىق پاراخوتتىن چىققان ئالتۇن قوش زەنجىر كەركىدان مۈڭگۈزسىمان زىبۇ-زىننەت زەنجىرى بولۇپ، ئۆزگىچە ئاسما زەنجىر لايىھەسى تاقاشنىڭ جانلىقلىقى ۋە كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرغان. خەلق تورى سەي رۈيجى فوتوسى

گۇاڭدۇڭ دېڭىز يىپەك يولى مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان «نەنخەي 1-» ناملىق پاراخوتتىن چىققان ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك لۇڭ نەقىشلىك ھالقىسىمان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ شەكلى تولىمۇ نەپىس. خەلق تورى ۋاڭ ياديې فوتوسى

«نەنخەي 1-» ناملىق پاراخوتتىن چىققان ئالتۇن رومبا شەكىللىك زىننەت بۇيۇملىرى. خەلق تورى نىڭ يۈيىڭ فوتوسى

«نەنخەي 1 ـ » ناملىق پاراخوتتىن چىققان ئالتۇن بىلەزۈك جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مودا قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئەينى چاغدىكى ھۈنەر-سەنئەت سەۋىيەسى ۋە ئېستېتىك قىزىقىشىنى ئېچىپ بەرگەن. خەلق تورى پۇ شىنيۈ فوتوسى

«نەنخەي 1 ـ » ناملىق پاراخوتتىن چىققان بىر گۇرۇپپا ئالتۇن ئۈزۈك. خەلق تورى پۇ شىنيۈ فوتوسى

«نەنخەي 1 ـ » ناملىق پاراخوتتىن چىققان دېخۇاياۋ خۇمدىنىنىڭ كۆكۈچ ئاق ئېماللىق گۈل بېسىلغان ئۇپا قۇتىسىدىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ پەرداز قىلىش ئادىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. خەلق تورى نىڭ يۈيىڭ فوتوسى
گۇاڭدۇڭ دېڭىز يىپەك يولى مۇزېيىدا، «نەنخەي 1-» ناملىق پاراخوتتىن چىققان بىر تۈركۈم چاقناپ تۇرىدىغان ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى ۋە گىرىم قۇتىسى قەدىمكى دېڭىز سودىسىدىكى جانلىق «گۈزەللىكنى سۆيۈش» سەھىپىسىنى ئاچتى. بۇ ئېسىل ئالتۇن بۇيۇملارنىڭ كۆپىنچىسى مەخسۇس چەت ئەل بازىرىغا ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ياسالغان «تاشقى سودا مەھسۇلاتلىرى» ئىدى.
ئالتۇن بىلەزۈكنىڭ سىزىقلىرى راۋان بولۇپ، ئۆزگىچە لۇڭ نەقىشى، گۈل پاسونىدا بېزەلگەن؛ ئالتۇن زەنجىرنىڭ شەكلى ئۆزگىچە، لايىھەلىنىشى ئۆزگىچە...«قاراڭ، مىڭ يىل ئىلگىرىكىلەر دۆلەت ھالقىپ مال سېتىشتا بىزگە قارىغاندا مودىنى تېخىمۇ چۈشىنىدىكەن.» بالىسىنى ئېلىپ ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن چېن خانىم زىبۇ-زىننەت قۇتىسىدىكى گۈزەل سىزىقچىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.
چەت ئەللەرگە سېتىلغان بۇ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر دېڭىز يىپەك يولى سودىسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ نۇرلۇق جەۋھىرى. ئۇلار ئۈن-تىنسىز شۇنى بايان قىلىپ بېرىدۇكى: مىڭ يىل ئىلگىرىكى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھۈنەرۋەنلەر «زاكاز قىلىش» بىلەن «ئېقىم»نى پىششىق بىلىپ، ئالتۇندىن شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان «گۈزەل رىشتە»نى بەرپا قىلىپ، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قەلبلەرنى سودا پاراخوتى بىلەن ھەممە يەرگە يەتكۈزدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ