6-ئاينىڭ 3-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا سوئال سورىدى، بۇنىڭغا قارىتا لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش «دوستلار چەمبىرىكى» تۇنجى قېتىم لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىدىكى دۆلەتلەرگە كېڭەيتىلدى، جۇڭگوغا كېلىشتە يەككە تەرەپلىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىگە چۈشىدىغان دۆلەتلەر 43 كە يەتتى. ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش «تىزىملىكى» ئۈزلۈكسىز ئۇزىراپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
لىن جيەن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز چېگرادىن كىرىش سىياسىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئېچىۋېتىش، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز.