قۇرت تۆشۈكى بار كۆكتاتلارغا دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمدۇ؟

2025.06.05 11:00 مەنبە: خەلق تورى

كۆكتاتتا قۇرت تۆشۈكى بولسا، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلمىغان كۆكتاتلاردا زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ تەسىرىدە ئاسانلا قۇرت تۆشۈكى پەيدا بولىدۇ، ئەمما دورا ئىشلىتىش ئۆلچەملىك بولمىسا، دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلغان كۆكتاتلاردىمۇ يەنىلا قۇرت تۆشۈكى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. كۆكتاتلارغا بىخەتەر دورا ئىشلىتىش جەھەتتە، دۆلىتىمىزدە قاتتىق ئۆلچەم ۋە تۈزۈم بار، تەلەپ بويىچە مۇۋاپىق، ئىلمىي دورا ئىشلىتىلگەن كۆكتاتلار ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ، كۆپچىلىك زىيادە ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ