سەنيا شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2025-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، بىر ساياھەتچى سەنيادا نامەلۇم جانلىق چىشلەپ زەخىملەنگەندىن كېيىن، ئۆزى دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سەنيا مەركىزىي دوختۇرخانىسى ۋە مەلۇم ئۇرۇش رايونى دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز :
2025-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 0 ئەتراپىدا، ساياھەتچى فۇ چى XX مېھمانخانىغا پىيادە قايتىش يولىدا نامەلۇم جانلىق تەرىپىدىن چىشلەپ زەخمىلەندۈرۈلگەن ھەمدە قاناپ كەتكەن، مېھمانخانىغا قايتىپ ئاددىي دېزىنفېكسىيە قىلغان ھەمدە يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، سائەت 01:05 تە تاكسى بىلەن سەنيا مەركىزىي دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، «نامەلۇم جانلىق چىشلەپ زەخىملەنگەندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، ئوڭ پۇتى بىر سائەت ئۇيۇشۇپ قېلىش» سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا داۋالانغانغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتقان، كېيىن مەلۇم ئۇرۇش رايونى دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
سەنيا شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 2025-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 02:26 دە سەنيا مەركىزىي دوختۇرخانىسى، مەلۇم ئۇرۇش رايونى دوختۇرخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە شەھەرلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، گۇڭئەن، ساياھەت-مەدەنىيەت قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، بىمارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. نۆۋەتتە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ ئىككى دوختۇرخانىنىڭ ئالاقىدار كېسەللىك تارىخى ماتېرىياللىرىنى پېچەتلەپ ساقلىدى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىشىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە قازا قىلغۇچىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئائىلە تەۋەلىرىگە تەسەللى بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جىددىي قانات يايدۇرۇماقتا.