بېيجىڭ كارخانىلارنى خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بېرىدۇ

2025.06.05 10:58 مەنبە: خەلق تورى

«بېيجىڭ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2025-يىلى پايتەخت ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ياردەم پۇل مەبلەغ تۈرىنى توپلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلىندى، بۇ يىل بېيجىڭ ئۆلچەم تۈرى، ئۆلچەملەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش پائالىيىتى، ئۆلچەمنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو ئۆلچىمىدە يېڭىلىق يارىتىش تۆھپە مۇكاپاتى ئۆلچەم تۈرى مۇكاپاتى ۋە ئۆلچەمنى ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بەش تۈرگە ياردەم پۇل بېرىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر مىليون يۈەن (خەلق پۇلى، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) ياردەم پۇل بېرىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، بۇ يىللىق ئۆلچەم تۈرىگە ياردەم پۇل بېرىش سانى تەخمىنەن 60 تۈر بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلقئارا ئۆلچەم 20 تۈردىن ئاشمايدۇ، دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى، يەرلىك ئۆلچەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، كوللېكتىپ ئۆلچەمگە ۋاقتىنچە سان چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ. ياردەم پۇل سوممىسى دەرىجىگە ئايرىپ تەستىقىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە 1 مىليون يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ