ھەر كۈنى بۇ ئىشلارنى قىلىش بەلنى نابۇت قىلغانلىق! بەل ئاغرىشنىڭ سەۋەبى تېپىلدى

2025.06.05 10:57 مەنبە: خەلق تورى

بۈگۈنكى كۈندە، كۆپلىگەن ياشلار بەل ئاغرىقى سېپىگە قوشۇلۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ باش جىنايەتچىىسى ھەر كۈنى قىلىۋاتقان بۇ ئىشلار بولۇشى مۇمكىن.

(1) ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق، يەنە قىياپىتى توغرا بولماسلىق؛ (2) ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكىگەندە قىياپىتى توغرا بولماسلىق؛ (3) كارىۋات سېلىنچىسى مۇۋاپىق بولماسلىق

كارىۋات سېلىنچىسى بەك يۇمشاق ياكى بەك قاتتىق بولۇپ كەتسە، بېلىڭىز ياخشى ئارام ئالالمايدۇ. ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا بەل-دۈمبە مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. بەل مۇسكۇللىرى قانچە كۈچلۈك بولسا، بەل ئومۇرتقىسى شۇنچە مۇقىم بولىدۇ. يەر بېغىرلاپ تىرەپ تۇرۇش، دۈم يېتىپ باش-پۇتنى كۆتۈرۈش، ساغرىنى كۆۋرۈكسىمان كۆتۈرۈش قاتارلىق مەشىقلەردىن باشلاپ، ھەر كۈنى 10 مىنۇت داۋاملاشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ