مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى يېقىندا 2024-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى تەكشۈرۈش-باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، شىنجاڭ باھالاشتا يەنە بىر قېتىم «مۇنەۋۋەر» دەرىجىگە ئېرىشكەن، بۇ، 2022-يىلى باھالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئۇدا 3-قېتىم بۇ ئالاھىدە شان-شەرەپكە ئېرىشىشى.
2024-يىلى، شىنجاڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، باغ-ئورمان كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشى، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ 1-باش ئورمان باشلىقى، باش ئورمان باشلىقى بىرلىكتە باش ئورمان باشلىقى بۇيرۇقى ئىمزالاپ، پۈتۈن يىلدا ئورمان چارلاش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى 11 قېتىم قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئورمان باشلىقلىرىنىڭ 290 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئورمان چارلىشىغا تۈرتكە بولدى، 59 مىڭدىن ئارتۇق مەسىلە بايقالدى ھەم ھەل قىلىندى.
«ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنى يادرو قىلىپ، شىنجاڭ پۈتۈن يىلدا 12 مىليون 957 مىڭ 600 مو كۆلەمدىكى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن 3046 كىلومېتىرلىق يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشى، قۇم تىزگىنلىشىدە تارىخىي بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كېرىيە ئۇسۇلى» «شايار تەجرىبىسى»نى كېڭەيتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، ئالاقىدار تەجرىبىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئەھدىنامىسىنى تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىدا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى.
شىنجاڭ باغ-ئورمان كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىغا 327 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇنىڭدىن 511 مىڭ ئائىلىلىك باغۋەن نەپكە ئېرىشتى. 2024-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە باغ-ئورمان ئومۇمىي ھوسۇلى 14 مىليون توننىغا يەتتى، كورلا نەشپۈتى، چاقىلىق چىلىنى، پەيزاۋات شىنمېيسى جۇڭگو مېۋە رايونى ئاممىۋى داڭلىق ماركا قىممىتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ئاقسۇ ياڭىقى دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 7 مىليارد 36 مىليون يۈەنگە يەتتى.
2025-يىلى، شىنجاڭ داۋاملىق تۈردە ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى تۇتقا قىلىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، يېشىل چارۋىچىلىق، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە-كۆكتات كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ.