يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

2025.06.03 14:26 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» (تۆۋەندە «نىزام» دەپ قىسقارتىلدى) 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. مەۋقە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇلغان، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلغان بۇ يەرلىك نىزام «پۈتۈن زەنجىرلىك ئىدارە قىلىش، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش»تىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېخىمۇ پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ