«جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول»لارنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا 5-ئاينىڭ 31-كۈنى قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى قاتنىيالايدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ كۈن بۇرۇن مايتاغ-كۇچا تاشيولىغا كىرگەن ئاپتوموبىل ئېقىمى 56 مىڭ 646 قېتىمغا يەتكەن.
مايتاغ-كۇچا تاشيولى دۆلەت يولى 217-لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، شىمالدا مايتاغدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا كۇچاغا تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر كېلىدۇ، قارلىق تاغ، ئوتلاق، جىلغا قاتارلىق كۆپ خىل يەر شەكلىنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، تىيانشاننىڭ ئومۇرتقىسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان مەنزىرە چوڭ يولى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى 10-ئايدىن كېيىن، قارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قار يېغىش، مۇز تۇتۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، قاتناش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، ۋاقتىنچە تاقىلىدۇ.