ئومۇمىي سېلىنما 145 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولدى

شىنجاڭنىڭ تاشيول تۈرلىرىدە تۇنجى قېتىم جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ سودىگەر چاقىرىلدى

2025.06.03 14:19 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى بىراقلا 27 تاشيول تۈرى «كاتتا زىياپىتى»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئومۇمىي سېلىنما 145 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، جەمئىيەتكە مەركەزلىك تونۇشتۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭ تاشيول تۈرلىرىدە تۇنجى قېتىم جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ سودىگەر چاقىرىش ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى 27 نۇقتىلىق تاشيول تۈرى G312 لىنىيەسى لوتوچۈەنزە-چىقتىم تاشيولى، G314 لىنىيەسى قەشقەر-تاشقورغان تاشيولى، G219 لىنىيەسى قۇم(جىكپۇلىن)-قاناس تاشيولى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپە 5325 كىلومېتىر، ئومۇمىي سېلىنما 145 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت يولى تۈرى 19 بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇساپىسى تەخمىنەن 3265 كىلومېتىر، ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 107 مىليارد 700 مىليون يۈەن؛ ئۆلكە يولى تۈرى سەككىز بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇساپىسى تەخمىنەن 2060 كىلومېتىر، ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 37 مىليارد 700 مىليون يۈەن.

بۇ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان تۈرلەر قاتتىق تاللاشتىن ئۆتكەن بولۇپ، ھەممىسى ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىشىش يېڭى مېخانىزمىنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ھەق تۆلەيدىغان ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ئەندىزىسى ياكى تىجارەت خاراكتېرلىك تاشيول شەكلىدە يولغا قويۇلىدۇ.

جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن لىدىر ياڭ جىچاۋ مۇنداق دېدى: «كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ قاتناش تورى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلدى. بۇ قېتىمقى تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرىمىز.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ زامانىۋىلاشقان قاتناش تورى قۇرۇلۇشىنى تىرەك قىلىپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كەڭ كۆلەملىك قاتناش، كەڭ كۆلەملىك يۇغۇرۇلۇش، كەڭ كۆلەملىك مۇلازىمەت، كەڭ كۆلەملىك تەرەققىيات»تىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت زامانىۋىلاشقان قاتناش سىستېمىسى تېز شەكىللەنمەكتە.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ