ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو  | مىڭ يىللىق لىجى مېۋىسى خۇش پۇراق چېچىپ، مول ھوسۇلنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىتتى

خەلق تورى «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو» گۇاڭدۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش زىيارەت ئۆمىكى

2025.06.03 14:29 مەنبە: خەلق تورى

ماۋمىڭ شەھىرى گاۋجوۋ شەھىرى گېنزى بازىرى گۇڭيۈەن باغچىسىدا، لىجىدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، دېھقانلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. خەلق تورى تۇ شېڭ فوتوسى

ماۋمىڭ شەھىرى گاۋجوۋ شەھىرى گېنزى بازىرى گۇڭيۈەن باغچىسىدا، قىپقىزىل لىجى بىلەن تولغان لىجى شاخلىرى «شېرىن ئۇچرىشىش» تەكلىپىنى ئەۋەتىۋاتاتتى. خەلق تورى سەي رۈيجى فوتوسى

ماۋمىڭ شەھىرى گاۋجوۋ شەھىرى گېنزى بازىرى گۇڭيۈەن باغچىسىدا، ئىككى دېھقان ھەمكارلىشىپ لىجى ئۈزۈپ، بىردەمدىلا بىر سېۋەتنى لىق تولدۇردى. خەلق تورى نىڭ يۈيىڭ فوتوسى

ماۋمىڭ شەھىرى گاۋجوۋ شەھىرى گېنزى بازىرىدا، ئىككى دېھقان يېڭى لىجىلارنى رەتلەپ، ۋاقتىدا مال تارقىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. خەلق تورى ۋاڭ ياديې فوتوسى

ماۋمىڭ شەھىرى گاۋجوۋ شەھىرى گېنزى بازىرى گۇڭيۈەن باغچىسىدا، تەخمىنەن 800 يىللىق قەدىمىي لىجى دەرىخى «لىجى پادىشاھى»نىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرى بۈك-باراقسان بولۇپ، لىجى مېۋىسى بىلەن بېزەلگەنىدى. خەلق تورى پياۋ شىنيۈ فوتوسى

ماۋمىڭ شەھىرى گاۋجوۋ شەھىرى گېنزى بازىرى گۇڭيۈەن باغچىسىدا، ئاۋمېنلىق تۆت ساياھەتچى «شېرىن ئۇچرىشىش»قا ئاتلىنىپ، لىجى دەرىخى ئاستىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. خەلق تورى ۋاڭ ياديې فوتوسى

ماۋمىڭ شەھىرى گاۋجوۋ شەھىرى گېنزى بازىرى گۇڭيۈەن باغچىسىدا، رەسسام قولىغا قەلەم ئېلىپ لىجىدىن مول ھوسۇل ئالغان مەنزىرىنى سىزىپ، «داجى دالى» تىلىكىنى يەتكۈزدى. خەلق تورى ۋاڭ ياديې فوتوسى

ماۋمىڭ دۆلىتىمىزدىكى لىجى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېڭى، تاتلىق لىجى «مول ھوسۇل» مەنزىرىسى ھاسىل قىلىدۇ. خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ شاۋشاۋ فوتوسى

ماۋمىڭ شەھىرى گاۋجوۋ شەھىرى گېنزى بازىرىدا، ساياھەتچىلەر لىجى ماروژنىسى سېتىۋېلىپ، يازنىڭ شېرىن تەمىنى ھېس قىلدى. خەلق تورى سەي رۈيجى فوتوسى

«ھەم مەززىلىك، ھەم تاتلىق لىجى، تېز كېلىپ تېتىپ بېقىڭ!» باش ياز مەزگىلىدە، ئاپتوموبىل ھەيدەپ گۇاڭدۇڭ ماۋمىڭدىكى گاۋجوۋ شەھىرى گېنزى بازىرى بوچياۋ كەنتىگە بارىدىغان يولدا، يول بويى فېيزىشياۋ، گۇيۋېر، بەيتاڭيىڭ، نومىزى قاتارلىق قىپقىزىل لىجىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، دېھقانلار پات-پات كېلىپ تۇرغان ساياھەتچىلەرنى لىڭنەننىڭ بۇ شېرىن تەمىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ.

بوچياۋ كەنتىگە جايلاشقان «لىجى مۇزېيى»−گۇڭيۈەن باغچىسى نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارىخى ئەڭ ئۇزاق، تۈرى ئەڭ تولۇق بولغان قەدىمىي لىجى باغلىرىنىڭ بىرى. باغچىغا كىرگەندە، قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرىدۇ، دېھقانلار لىجى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش، ساياھەتچىلەر ئۇياق-بۇياققا توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، رەسسام ئۆز قەلىمى بىلەن «داجى دالى» دېگەن رەسىمنى سىزىپ، بىر پارچە لىجىنىڭ «مول ھوسۇللۇق» مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى.

ماۋمىڭ دۆلىتىمىزدىكى لىجى كۆپ چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2000 يىلدىن ئارتۇق لىجى ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، لىجى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 12 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بۇ يىل، ماۋمىڭنىڭ لىجى ئۆستۈرۈش كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 420 مىڭ مو بولۇپ، شۇ جاي لىجىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ «يۈز ناھىيە، مىڭ بازار، تۈمەن كەنتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ