ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونى ئېلان قىلىندى!

2025.06.03 14:27 مەنبە: خەلق تورى

2025-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلىنىدۇ. يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ 2025-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونىنى بىرتۇتاش ئېلان قىلدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر، ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ 2025-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئالاقىدار مەسىلە يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا پاش قىلىشىنى ۋە ئىنكاس قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پاش قىلىنغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن دەرھال تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ