«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

2025.06.03 14:15 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 11 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: مائارىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز مائارىپنى دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەندىزە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىز قۇرۇپ چىقىدىغان مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى بولۇپ، كۈچلۈك ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكلەش كۈچى، ئىختىساسلىقلار رىقابەت كۈچى، پەن - تېخنىكا تىرەك كۈچى، خەلق تۇرمۇشى كاپالەت كۈچى، جەمئىيەت ماسلىشىش كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا جەزمەن ئاساسنى پۇختىلاپ روھنى تاۋلايدىغان ئىدىيەۋى - سىياسىي مائارىپ سىستېمىسى، ئادىل، ئەلا سۈپەتلىك ئاساس مائارىپ سىستېمىسى، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان ئالاھىدە ئالىي مائارىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى، ئومۇميۈزلۈك يەتكىلى بولىدىغان ئۆمۈرلۈك مائارىپ سىستېمىسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەيدىغان پەن - تېخنىكا تىرەك سىستېمىسى، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى سىستېمىسى، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، مائارىپنىڭ سىياسىي ئالاھىدىلىكى، خەلقچىللىق ئالاھىدىلىكى، ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تىرەك بولۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى، بىلىم ئۆگىنىش بىلەن ئەتراپلىق يېتىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن جەمئىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى، قېلىپلاشقان - تەرتىپلىك بولۇش بىلەن ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشنىڭ مۇناسىۋىتى، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىش بىلەن خەلقئارا تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشتا ۋەزىپە مۈشكۈل، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ. بىرىنچى، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىش بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش تەتقىقاتى ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئۇقۇمى، ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلغان جۇڭگونىڭ مۇستەقىل پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ۋە تور ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بوشلۇقى ۋە بازىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، مائارىپنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەسىس قىلىش - تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مائارىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. ئۈچىنچى، مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقى، قولايلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. مائارىپ بايلىقىنىڭ رايونلارغا تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئىككىنى ئازايتىش» نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنىڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش بويىچە ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. مائارىپچىلار روھى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە بايلىق تەقسىملەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئورنى، جەمئىيەتتىكى ئورنى، كەسپىي ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى جەمئىيەتتە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە قىلىش، بۇ كەسىپنى جەمئىيەت ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە مۇھىم مائارىپ مەركىزى قۇرۇش كېرەك. مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، «تەكلىپ قىلىش» بىلەن «سىرتقا چىقىرىش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مائارىپنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. دۇنياۋى مائارىپنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دۇنياۋى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن گۈزەل ئارزۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى باشلامچى ۋەزىپە، پۇختا ئاساس، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ