بېكىتىلدى! بەش كۈن ھەقسىز!

2025.05.30 14:48 مەنبە: خەلق تورى

5 -ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى 2025 ـ يىللىق قۇربان ھېيتلىق تاشيول قاتنىشى سەپەر مۇلازىمەت كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە)، شىنجاڭ بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن قاتناش ھەققى ئېلىنمايدۇ، يول يۈرۈش ھەققى ئالماسلىق ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 00:00 دىن 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 24:00 كىچە بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ