شىنجاڭ ئايدىڭلاشتۇردى! داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ

2025.05.30 14:47 مەنبە: خەلق تورى

ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى قوللاپ، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، ئىشسىزلىق كاپالىتىنىڭ تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى بىرلىكتە «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدىكەن.

ھەق نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئومۇمىي ھەق نىسبىتى %1كىچە باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىدارە-ئورۇنلارنىڭ ھەق نىسبىتى %0.5، شەخسلەرنىڭ ھەق نىسبىتى %0.5 بولۇپ، ئىجرا قىلىش مۇددىتى 2025 يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ