

گۇاڭچاڭ ناھىيەسى شۈجياڭ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى يېشىللىق سايىسىدە، كەنت ئاھالىلىرى پىشقان چۈرۈك مورلارنى ئۈزمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

گۇاڭچاڭ ناھىيەسى شۈجياڭ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى يېشىللىق سايىسىدە، كەنت ئاھالىلىرى پىشقان چۈرۈك مورلارنى ئۈزمەكتە. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

گۇاڭچاڭ ناھىيەسى شۈجياڭ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى يېشىللىق سايىسىدە، بازىنىڭ مەسئۇلى جاڭجى ئۈزمەكتە. قىممەتلىك جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ جاڭجىلار چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

گۇاڭچاڭ ناھىيەسى شۈجياڭ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئورمانلىققا ئېسىلغان زەمبۇرۇغ تاياقچىسى. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

گۇاڭچاڭ ناھىيەسى شۈجياڭ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى يېشىللىق سايىسىدە، پىشقان چۈرۈك مورلار پات ئارىدا ئۈزۈلىدۇ. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

گۇاڭچاڭ ناھىيەسى شۈجياڭ بازىرىدىكى ئورمانچىلار تېرىغان ئورمان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بولغان ئەينۇلا دەرىخى. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى

گۇاڭچاڭ ناھىيەسى لىنشۈ ئورمانچىلىق مەيدانى ئورمان ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىگە سۇ پۈركۈش ئۈسكۈنىسى ئورناتتى. خەلق تورى مۇخبىرى شى يۈ فوتوسى
«بۇ بىز بۇ يىل يېڭىدىن كىرگۈزگەن سورت، تەمى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى.» 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرى گۇاڭچاڭ ناھىيەسى شۈجياڭ ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى دەرەخ سايىسىدە، كەنت ئاھالىلىرى پىشقان چۈرۈك مورلارنى ئۈزۈپ، پىششىقلاپ ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن بازارنى تەمىنلىمەكتە.
پۈتۈن رايوننىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %71.83كە يەتكەن گۇاڭچاڭ ناھىيەسىنىڭ ئورمان ئىقتىسادى تېرىلغۇ كۆلىمى 200 مىڭ مودىن ئاشقان بولۇپ، تۈرلىرى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى، مايلىق كامىللىيە دەرىخى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىلغۇ كۆلىمى 52 مىڭ 600 مو، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى 7600 مو كېلىدۇ. شۈجياڭ ئورمانچىلىق مەيدانىنى يادرو قىلغان بۇ ناھىيە ئورمان ئىقتىسادى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 45 نى بەرپا قىلىپ، 11 يېزا-بازار ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەيدانىغا تەسىر كۆرسەتتى ۋە تۈرتكە بولدى، نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشتى. (ليۇ خۇڭ، ۋۇ يۆجۈن، شۇەي جۈن، لو نا، شى يۈ، كۇڭ ۋېنجىن، لۇڭ چۇلياڭ)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ