يېشىل تاغلار ئارىسىنى زىننەتلەپ تۇرغان قىزىل ئۆگزىلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. خەلق تورى مۇخبىرى مياۋ زىجيەن فوتوسى
شىنخاڭ بازىرى خېشىڭ كەنتىگە بوشلۇقتىن نەزەر. خەلق تورى مۇخبىرى جاڭ جۈن فوتوسى
ئىلگىرى تاش قازىدىغان تاغ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. خەلق تورى مۇخبىرى مياۋ زىجيەن فوتوسى
شىنخاڭ بازىرى خېشىڭ كەنتىدىن بىر كۆرۈنۈش. خەلق تورى مۇخبىرى جاڭ جۈن فوتوسى
خېشىڭ كەنتىنىڭ كونا قىياپىتى ئۆزگىرىپ، بامبۇكزارلىق، چايزارلىق تاغ بىلەن نېلۇپەر كۆلى بىر-بىرىنى جۇلالاندۇردى. خەلق تورى مۇخبىرى جاڭ جۈن فوتوسى
يىراقتىن قارىغاندا كۆكۈچ قارا رەڭلىك تاغنىڭ قاتلاملىرى ئېنىق كۆرۈنەتتى. خەلق تورى مۇخبىرى مياۋ زىجيەن فوتوسى
ئۆردەكلەر توپ-توپ بولۇپ نېلۇپەر كۆلىدە ئۈزەتتى. خەلق تورى مۇخبىرى جاڭ جۈن فوتوسى
خەلق تورى گۇاڭدې 5-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ رۇيخۇا، جاڭ جۈن، مياۋ زىجيەن، چېن شى) ئەنخۇي ئۆلكىسى گۇاڭدې شەھىرى شىنخاڭ بازىرى خېشىڭ كەنتى ئەنخۇي ئۆلكىسى بىلەن جياڭسۇ ئۆلكىسى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان بولۇپ، تىپىك ئۆلكىلەر ئارا قوشنا كەنتكە تەۋە.
مول تاش ماتېرىياللىرى بايلىقىغا ئىگە بولغاچقا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ تاش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش بىر مەزگىل بۇ كەنتنىڭ يېتەكچى كەسپىگە ئايلانغانىدى. تاغقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى پەللىگە يەتكەن مەزگىلىدە، كىچىككىنە كەنتكە تاش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش ھۈنەرخانىسىدىن 37 سى توپلاشقان بولۇپ، كەسىپكارلار 500 دىن ئاشاتتى.
بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن شياڭ شيۇيىڭ يېرىم ئۆمۈر كەنتتە ياشىغان بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە، بېشىنى چايقاپ مۇنداق دېدى: «شاۋقۇن كۈچلۈك، چاڭ-توزان كۆپ، دېرىزىنى يېرىم كۈن ئەتمىسەك ئۆينىڭ ھەممە يېرى چاڭ-توزان بولۇپ كېتەتتى.»
«ئىلگىرى تاغنى ئېچىپ تاش قېزىش ھەقىقەتەن كەنتنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرغانىدى، لېكىن يەنە ئېكولوگىيەنى بۇلغاپ بولغانىدى.» گۇاڭدې شەھىرى شىنخاڭ بازىرى خېشىڭ كەنتى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې شېڭشەن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنتايىن تەخىرسىز ئىش ئىدى.»
2018-يىلى، گۇاڭدې شەھىرى خېشىڭ كەنتىدىكى 30 دىن ئارتۇق تاش ماتېرىياللىرى پىششىقلاش دۇكىنىنى ئومۇميۈزلۈك تاقاپ، ئارقىدىنلا تاغ گەۋدىسىدە قالغان «تاتۇق»لارنى كۆمۈپ يېشىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈردى، كەنتنىڭ مۇھىتى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلاندى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ نېلۇپەر گۈلى ۋە جۇخار گۈلى تېرىپ، «ئىككى گۈل» ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇردى، يەنە ساياھەت شىركىتى قۇردى ھەمدە ئۆلكە تەۋەسىدىكى تاشيولغا قويۇلغان ئاپتوموبىل ئېگىزلىكىگە چەك قويۇش خادىسىنىڭ ئېگىزلىكىنى ماسلاشتۇرۇپ كۆتۈردى.
باش يازدىكى يامغۇر خېشىڭ كەنتىنىڭ ھاۋاسىنى ئادەتتىن تاشقىرى ساپلاشتۇردى. شياڭ شيۇيىڭنىڭ ئۆيىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى بالكوندا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالساق، قارامتۇل كۆكۈچ رەڭدە كۆرۈنىدىغان ياپيېشىل تاغلارنىڭ قاتلاملىرى ئېنىق بولۇپ، ئۆتمۈش بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغانىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، تاغ يەنىلا شۇ تاغ، كەنتمۇ يەنىلا شۇ كەنت، لېكىن خېشىڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى «تاغقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭى تىرىكچىلىك قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەتتىن ئىبارەت «ئالتۇن تاۋاق»قا ئىگە بولدى.